12-مارتتىكى ئاچقۇچلۇق ھاۋارايدىن ئالدىن مەلۇمات

ilkan_1 2025-03-12 13:37:21

\

جۇڭگو ھاۋا رايى تورىنىڭ 12 - مارت نۇقتىلىق ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇماتى
1. ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقىي قىسمىدا بوران بار ئېلىمىزنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە شەرقىي قىسمىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە تۇمان بار.
مۆلچەرلىنىشىچە،3-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 8دىن 13-كۈنى سائەت 8گىچە، ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقىي قىسمى، خېيلۇڭجياڭنىڭ جەنۇبىي قىسمى، جىلىننىڭ كۆپ قىسمى، لياۋنىڭنىڭ شىمالىي قىسمى، شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمى، شىزاڭنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 5-6 بال شامال چىقىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى، شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تاغ ئېغىزى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا 7-8 بال بوران چىقىدىكەن، ئۆتكۈنچى شامال 9-11 بالغا يېتىدىكەن. مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 12-مارت سائەت 6 دە بوراندىن كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى.
2. سوغۇق ئېقىم شىمالىي ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسىم رايونلىرىغا داۋاملىق تەسىر كۆرسىتىدۇ .
كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرىدە، كانادانىڭ ئوتتۇرا شەرقىي قىسمى، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي قىسمىدا تېمپېراتۇرا 8 سېلسىيە گىرادۇستىن 12 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ، قىسمەن رايونلاردا تېمپېراتۇرا 14 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ، كانادانىڭ لابرادور يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا تېمپېراتۇرا 20 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ ھەمدە 4 - 6 بال بوران چىقىدۇ، شامال كۈچى 7 بال ئەتراپىدا بولىدۇ. كانادانىڭ ئوتتۇرا شەرقىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا ئوتتۇراھال ۋە قېلىن قار ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا قېلىن قار ياغىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.