»دۇنيا تاشقى پېرېۋوت مىزانى« ئېلان قىلىندى

gulbostan 2017-05-26 13:25:23

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: يەرشارى تاشقى پېرېۋوت كەسپى ساھەسى پەيشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 25-كۈنى) ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم بىر كۈننى كۈتۈۋالدى، ئۇ بولسىمۇ خەلقئارا راسچوت بانكىسى (BIS) كۈتكىلى ئۇزۇن بولغان « دۇنيا تاشقى پېرېۋوت مىزانى (FX Global Code)»نىنى ئېلان قىلدى. بۇ بىر يۈرۈش كەسپىي مىزاننى يولغا قويۇشتىكى مەقسەت، پۈتۈن يەرشارىدىكى تاشقى پېرېۋوت بازىرىنى ئاساسىي ھەرىكەت ئۆلچىمى بىلەن تەمىنلەش، تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىكى نامۇۋاپىق قىلمىشلارنى تۈپتىن يوقىتىش، شۇنداقلا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تاشقى پېرېۋوت بازىرىغا بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت.
«دۇنيا تاشقى پېرېۋوت مىزانى» بولسا، يەرشارى تاشقى پېرېۋوت بازىرىنى ياخشى ئەمەلىيەتكە يىتەكلەيدىغان بىر يۈرۈش پىرىنسىپ بولۇپ، ئۇنىڭدا بېكىتىلگەن بىر يۈرۈش ئورتاق يىتەكچى فاڭجېن تاشقى پېرېۋوت بازىرىنىڭ پۈتۈنلۈكى ۋە ئۈنۈمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. «مىزان» دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 16 ئەدلىيەلىك باشقۇرۇش تەۋەلىكى رايونىنىڭ مەركىزىي بانكىسى ھەمدە بازارغا قاتناشقۇچىلار تەرىپىدىن بىرلىكتە پايدىلىنىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، «مىزان»-ساتقۇچى تەرەپ، سېتىۋالغۇچى تەرەپ، غەيرىي بانكا قاتناشقۇچىلىرى ۋە سۇپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل تاشقى پېرېۋوت بازىرىدا ئورتاق قوللىنىلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، خەلقئارا راسچوت بانكىسى (BIS) يەنە «بايانات ۋەدىنامىسى» لايىھەسىنىمۇ ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ، كارخانىلاردىن «مىزان»غا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى ئاشكارا كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىدىكەن. «مىزان»نى يولغا قويۇشتىكى مەقسەت، كۈچلۈك، ئادىل، تۇراقسىز، ئېچىۋىتىلگەن، مۇئەييەن دەرىجىدە سۈزۈك بولغان بازار مۇھىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە مۇشۇنداق مۇھىتتا ئىلاستىكىلىققا ئىگە ئۇل ئەسلىھەلەرنى قوللاش ئارقىلىق، ئوخشاش بولمىغان بازارغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۈنۈملۈك ھالدا بازار ئۇچۇرىنى ئىنكاس قىلالايدىغان، رىقابەت كۈچىگە ئىگە باھاغا قاراپ ھەرىكەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.