مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى كۆلىمى ئۆزگەرمىگەن ئاساستا توققۇز ئاي ئۇزارتىلدى

gulbostan 2017-05-26 15:21:49

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) ۋە رۇسيەنى ئاساس قىلغان غەيرىي نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 25-كۈنى) ۋىينادا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، نۆۋەتتىكى مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى 2018-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىش جەھەتتە بىرلىككە كەلدى. مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كۆلىمى ئۆزگەرمىگەن بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر كېلىشىمنامىگە ئاساسەن خام نېفىت بازىرىدىكى تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئارتۇق بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كېلىشىمىنى توققۇز ئاي ئۇزارتىش لايىھەسى بازار مۆلچەرىنىڭ كۈتكىنىدەك بولسىمۇ، ئەمما مەبلەغ سالغۇچىلار مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كېلىشىمى مۇددىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن بولۇشىنى ياكى مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كۆلىمىنىڭ تېخىمۇ چوڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى، شۇڭا كېلىشىم نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن يەنىلا ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ماي باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

نۆۋەتتە، يېڭىدىن ئىمزالانغان مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كېلىشىمنامىسىدە يەنىلا ئەسلىدىكى كۆلەم يەنى (OPEC) تەشكىلاتى بىلەن غەيرىي (OPEC)تەشكىلاتىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر كۈنىگە جەمئىي بىر مىليۇن 800 مىڭ تۇڭ ئازايتىش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا 2016-يىلى 10-ئايدىكى مەھسۇلات مىقدارى پايدىلىنىش سەۋىيىسى قىلىنغان.

بازار تەھلىلچىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە،نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر (OPEC)تەشكىلاتى گەرچە بۇ يىلدىن بۇيان مەھسۇلاتنى كېمەيتىش ھەركىتىنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر خام نېفىت زاپسى ئارقىلىق خېرىدارلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلگەن بولغاچقا، (OPEC)تەشكىلاتىنىڭ خام نېفىت ئېكسپورت قىلىش ئومۇمىي مىقدارى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يەنىلا مۇقىم ھالەتنى ساقلىغان. يەنە بىر تەرەپتىن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئېنىرگىيە مېنىستىرى خالىد ئەل فارىخنىڭ كۆرسىتىشىچە، (OPEC)تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن نېگىرىيە بىلەن لىۋىيە يەنىلا مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كەچۈرۈمىگە ئىگە بولغاچقا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خام نېفىت ئېكسپورت قىلىش مىقدارى 6-ئايدىن باشلاپ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەشكە باشلىغان، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە نېفىت بازىرىنىڭ ئەسلىدىكى تەڭپۇڭ ھالەتكە قايتىشىغا ياردىمى بولۇشى مۇمكىن.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.