ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشى يەنە توسالغۇغا ئۇچرىدى

gulbostan 2017-05-26 12:11:12

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا نەق ئالتۇن باھاسى پەيشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 25-كۈنى) سەل تۆۋەنلىدى، ئامېرىكا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1253.50 دوللار\ئۇنسىيەگە چىقتى، ئالتۇن باھاسىنىڭ قىسقا سىزىقىدا ئازراق تەۋرىنىش بولدى. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ يىغىن خاتىرىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن داۋاملىق بېسىمغا ئۇچرىدى. يىغىن خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم قوشۇشقا نىسبەتەن يەنە ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتىدىكەن. ئامېرىكا زاپاس پۇل كومىتېتى خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئېنىق دەلىل-ئىسپاتلار ھازىر بولمىغۇچە ئۆسۈم قوشۇشنى ۋاقتىنچە توختىتىدىكەن. يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئامېرىكىنىڭ 4-ئايلىق سودا قىزىل رەقىمى چوڭىيىپ ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا چىققان، ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان 20-ماي شۇ ھەپتىلىك ئىشسىزلىق پۇلى سانىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى ئوتتۇرىچە قىممىتى 235 مىڭ 300 بولۇپ، 44 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەن. سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئالتۇن باھاسى بىردىنلا ئۈچ دوللار تۆۋەنلىدى ئارقىدىن مۇقىم ھالەتنى ساقلىدى. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى ئاز نىسبەتتە ئۆرلىگەندىن كېيىن يەنە ئەسلىدىكى نۇقتىغا قايتتى. چېكاگو سودا بىرژىسى (CME) گۇرۇھىنىڭ كۈزىتىش ئاپپاراتىدىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا،ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى فوند قەرەللىك مال توغرىسىدا بىشارەت بەردى، سودا خادىملىرى 6-ئايلىق يىغىندا ئۆسۈمگە 0.25 نۇقتا قوشۇلۇش ئېھتىماللىقى %83، يۇقىرى ئۆسۈم نىسبىتى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆرسەتكۈچىگە تىرەك بولىدۇ ھەمدە زايوم پايدا نىسبىتىنى ئۆستۈرىدۇ. ئۆسۈمسىز مۈلۈك ئالتۇننىڭ پۇرسەت تەننەرخى ئاشىدىغان بولغاچقا ئالتۇن باھاسىغا بېسىم چۈشىشى مۇمكىن دەپ قارىدى.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.