ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى

gulbostan 2017-05-26 11:27:26

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا نەق ئالتۇن باھاسى جۈمە كۈنى (5-ئاينىڭ 26-كۈنى) ئاسىيادا 1255 دوللار\ئۇنسىيە ئەتراپىدا بولدى. پەيشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 25-كۈنى) ئالتۇن باھاسى ئاز نىسبەتتە تۆۋەنلىدى ھەمدە تۆۋەن باھا 1253.91 دوللار\ئۇنسىيەگە چۈشتى. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى تۆۋەن نۇقتىدىن ئۆرلەپ پۈتۈن يەرشارىدىكى پايچەك بازىرىدا يېڭى ئۆسۈش نىسبىتىنى ياراتقان بولغاچقا، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يىغىنى ئۆسۈم ئۆستۈرۈشكە نىسبەتەن ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتقاچقا، ئالتۇن باھاسى ئالدىنقى كۈنىدىكى ئۆرلەش نۇقتىسىغا قايتتى. ئەمما تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ سىياسىي قىيىنچىلىقىغا بولغان ئەندىشىسى يەنىلا خەتەردىن ساقلىنىش مۈلكى بولغان ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن تىرەشلىك رول ئوينىشى مۇمكىن.

ئامېرىكا تەرەپنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئىشسىزلىق پۇلى سانى داۋاملىق تۆۋەن ئورۇندا تەۋرىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ يەنىمۇ تارىيىدىغانلىقنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە 1-پەسىللىك ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشىنىڭ پەقەت ۋاقىتلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى قاراشنى كۈچلەندۈرىدۇ، ھەمدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 6-ئايدىكى ئۆسۈم قوشۇشنى مۇزاكىرە قىلىشغا تۈرتكە بولىدۇ.

فېدېراتسىيە ئاشكارا بازار كومىتېتى (FOMC) چارشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 24-كۈنى) 5-ئايلىق پۇل سىياسىتى خاتىرىسىنى ئېلان قىلدى، كۆپ ساندىكى سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر پۇل سىياسىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىشنى مۇۋاپىق دەپ قارىدى، بۇ ئامېرىكا زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئەڭ بالدۇر بولغاندا 6-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئۆسۈم قوشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمما قىسمەن (FOMC) بېلەت تاشلىغۇچى ئەزالار تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: ئېھتىيات ئۈچۈن يېقىنقى ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ ئاستا بولۇشىنىڭ ۋاقىتلىق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دەلىل-ئىسپاتلارنى ساقلايمىز.

چېكاگو سودا بىرژىسى (CME) گۇرۇھىنىڭ كۈزىتىش ئاپپاراتىدىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا،ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى فوند قەرەللىك مال توغرىسىدا بىشارەت بەردى، سودا خادىملىرى 6-ئايلىق يىغىندا ئۆسۈمگە 0.25 نۇقتا قوشۇلۇش ئېھتىماللىقى %83، يۇقىرى ئۆسۈم نىسبىتى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆرسەتكۈچىگە تىرەك بولىدۇ ھەمدە زايوم پايدا نىسبىتىنى ئۆستۈرىدۇ. ئۆسۈمسىز مۈلۈك ئالتۇننىڭ پۇرسەت تەننەرخى ئاشىدىغان بولغاچقا ئالتۇن باھاسىغا بېسىم چۈشىشى مۇمكىن دەپ قارىدى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى Brenard نىڭ پەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، دۇنيا ئىقتىسادى يەنىمۇ ياخشىلىنىپ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى مۆلچەرلىگەن خەتەرنى ئازايتقان. بۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى يىغىن خاتىرىسىدىن كېيىنكى 6-ئايدا ئۆسۈم ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئۇچۇر ھېسابلىنىدۇ.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.