يېقىنقى مەزگىلدە بازاردا يۈز بەرگەن داۋالغۇش تاسادىپىيلىق ئەمەس

rabigul 2016-02-03 16:07:56

\

تۈنۈگۈن ئامېرىكا كانزاس فېدېراتسىيە رەئىسى George گېئورگى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، يېقىنقى مەزگىلدە بازاردا يۈز بەرگەن داۋالغۇش كىشلەرگە نىسبەتەن تاسادىپىيلىق ئەمەس، شۇڭا ئالاقزادە بولۇش ھاجەتسىز. پەقەت ئىقتىساد ئەھۋالىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشكە نەزەر سالساق، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى داۋاملىق ئۆسۈم قوشىدۇ. بۇ يىل، George گېئورگى FOMC يىغىنىدا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە.

گېئورگى يېقىنقى مەزگىلدە بازاردا ئىنتايىن چوڭ داۋالغۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، لېكىن ئۇ بۇ داۋالغۇش كىشلەرگە نىسبەتەن تاسادىپىيلىق ئەمەس، پۇل سىياسىتى يولىنى قايتىدىن ئويلىشىش ھاجەتسىز دەپ قارايدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، گەرچە بازارنىڭ چوڭ دائىرىدە داۋالغۇش ئەھۋالىنى ئويلىشىش زۆرۈر بولسىمۇ، لېكىن پۇل سىياسىتى پۇل مۇئامىلە بازارلىرىنىڭ ھەر بىر ئىنكاسغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ بولالمايدۇ.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 12 - ئايدا ئون يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئۆسۈم قوشۇشنى باشلىدى. گېئورگى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 12 - ئايدا ئۆسۈم قوشقان بولسىمۇ، لېكىن ئاللىقاچان كېچىكتى. ئەمما 1-ئايدىكى يىغىندا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ھەرىكەت قوللانمىدى، گېئورگىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئەزالار بىردەك بۇ قارارغا قوشۇلدى. گېئورگى يەنە مۇنداق دەپ قارىدى، ئامېرىكا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا خېلى ياخشى، شۇڭا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۆسۈم قوشۇشىنى قوللايدۇ. ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ۋە ئەمگەك كۈچى بازىرى يادرو پۇل پاخاللىقى سەۋىيىسى يامان ئەمەس. گېئورگى ئېنېرگىيە ۋە ياساش كەسپىنىڭ نۆۋەتتە پايدىسىز ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. لېكىن ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، ئىستېمالچىلارنىڭ چىقىمى يامان ئەمەس، چۈنكى ئەمگەك كۈچى بازىرى ئۈزلۈكسىز جانلاندى. نېفىت باھاسىنىڭ تېخىمۇ تۆۋەنلىشى ۋە ئىش ھەققىنىڭ ئېشىشى ئىستېمالچىلار چىقىمىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

تۆۋەن پۇل پاخاللىقى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى تېز بولماسلىقىدىكى سەۋەب. گېئورگى مۇنداق دەپ قارىدى، نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە دوللارنىڭ كۈچىيىشى پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى %2 لىك نىشان سەۋىيىسىگە يۇقىرى ئۆرلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان مۇھىم سەۋەب.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.