شياڭگاڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئەركىن ئىقتىسادى گەۋدە بولۇپ باھالاندى

guzalnur 2016-02-03 14:45:37

\

ئامېرىكا ئەنئەنىۋى فوندى جەمئىيىتى يېقىندا 2016-يىللىق «ئىقتىسادىي ئەركىنلىك كۆرسەتكۈچى» دوكلاتىنى ئېلان قىلدى، شياڭگاڭ ئۇدا 22 يىل دۇنيادىكى ئەڭ ئەركىن ئىقتىسادى گەۋدە بولۇپ باھالاندى. بۇنىڭغا قارىتا شياڭگاڭ ئالاھىدە رايونىنىڭ باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەركىن بازار پىرىنسىپى شياڭگاڭ ئىقتىسادىنىڭ سىجىل تەرەققىياتى ۋە گۈللەپ ياشنىشىنىڭ ئۇلى ئىكەن، ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەركىنلىكنى قوغداش قارارىدىن گۇمانلانمىسىمۇ بولىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە شياڭگاڭ بۇ كۆرسەتكۈچ 1995-يىلى ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ ئۇدا 22 يىل بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلىپ كەلگەن. دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، شياڭگاڭنىڭ بۇ يىللىق ئومۇمىي نومۇرى 88.6 نومۇر (تولۇق نومۇر 100) بولۇپ، ئالدىنقى يىللىق دوكلاتتىكىدىن 1 نومۇر تۆۋەن بولغان، ئەما يەنىلا پۈتۈن دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە نومۇرى 60.7 دىن كۆپ يۇقىرى بولغان.

«ئىقتىسادىي ئەركىنلىك كۆرسەتكۈچى» دوكلاتىنى ھەر يىلى ئامېرىكا ئەنئەنىۋى فوندى جەمئىيىتى ۋە «ۋال كوچىسى گېزىتى» بىرلىشىپ ئېلان قىلىدۇ، بۇ دۇنيادىكى ئىقتىسادىي ئەركىنلىك دەرىجىسىنى باھالاشتىكى نوپۇزلۇق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرى. ئىقتىسادىي ئەركىنلىك دەرىجىسى تىجارەت ئەركىنلىكى، سودا ئەركىنلىكى، مالىيە ئەركىنلىكى، ھۆكۈمەت چىقىمى، پۇل ئەركىنلىكى، مەبلەغ سېلىش ئەركىنلىكى، پۇل مۇئامىلە ئەركىنلىكى، مۈلۈك ھوقۇقى ئەركىنلىكى، پاكلىق دەرىجىسى ۋە ئەمگەكچىلەر ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت 10 تۈرلۈك ئۆلچەم ئارقىلىق باھالاپ چىقىلىدۇ.

بۇ يىل پۈتۈن دۇنيادىكى 178 ئىقتىسادىي گەۋدە ئىچىدە جۇڭگو تەيۋەن 14-ئورۇنغا، جۇڭگو ئاۋمېن 37-ئورۇنغا، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى 144-ئورۇنغا تىزىلغان. ئامېرىكا 11-ئورۇنغا تىزىلغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.