تاشقى پېرېۋوت سودىسىغا ئەسكەرتىش

rabigul 2015-10-26 11:38:30

\

10-ئاينىڭ 26-كۈنى ئاسىيا بازىرى ۋاقتىدا، ئاساسىي يۈز خەۋىرى ئادەتتىكىدەك بولۇپ، تاشقى پېرېۋوت بازىرى يۆنىلىشى ئاساسلىقى تېخنىكا جەھەتتە تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلىنغان دېلاجى نۇتقى تەسىرىدە ياۋرو توساتتىن چۈشۈپ كەتتى، بۈگۈن ياۋروپا ۋاقتىدا، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى قانۇن ئىجرا قىلىش كومىتېتى ئەزالىرى بېلگىيە پۇل مۇئامىلە مۇنبىرىدە «يېڭىلىق يارىتىش رىقابىتى» سۆزى قىلىدۇ ياكى ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ كەلگۈسى سىياسىتىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ، بەلكىم بۇ ئەھۋاللار ياۋرو يۆنىلىشىدە مۇھىم تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

ياۋروپا بازىرى ۋاقتىدا، گېرمانىيە 10-ئايلىق IFO سودا گۈللىنىش كۆرسەتكۈچى ۋە ئەنگلىيە 10-ئايلىق CBI سانائەت زاكاز تالونى پەرق قىممىتى قاتارلىق ئىككى تۈرلۈك سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىنىدۇ. ئەگەر گېرمانىيە سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقسا ياۋرو مەلۇم دەرىجىدە يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن، ئەكسىچە ناچار چىقسا ياۋرو تېخىمۇ بېسىمغا ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەنگلىيە سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقسا فوندستېرلىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن، ئەكسىچە ناچار چىقسا فوندستېرلىڭ بېسىمغا ئۇچرايدۇ.

نيۇ-يورك بازىرى ۋاقتىدا، ئامېرىكا 9-ئايلىق يېڭى ئۆي سېتىش سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنىدۇ، ئەگەر ئەمەلىي قىممەت مۆلچەردىن ۋە ئالدىنقى قىممەتتىن يۇقىرى چىقسا، ئامېرىكا ئۆي - زېمىن بازىرى سېتىش ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ ياكى بىر قاتار مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ، شۇنداقلا دوللار يۇقىرى ئۆرلەپ دوللاردىن باشقا پۇللار بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن، ئەكسىچە بولسا دوللار بېسىمغا ئۇچراپ دوللاردىن باشقا پۇللار يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.