ھاۋالە فوندىنىڭ ھازىرقى مەبلەغ سېلىش ساھەسى

rabigul 2015-10-24 13:50:05

\

ھاۋالە فوند مەبلەغ سېلىش ساھەسى كۆپ خىللىشىش جەھەتتە باشقا پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىن غايەت زور ئەۋزەللىكى بار، گەرچە بۇ ساھە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ناھايىتى تېزلىك بىلەن تەرەققىياتقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىرقى مەبلەغ سېلىش ساھەسى كەڭ كۆلەمدە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئۆي مۈلۈك، قېزىلما بايلىق - ئېنېرگىيە، پۇل مۇئامىلە بازىرى سەنئەت ئەسەرلىرى، چېگرا سىرتىدىكى بازار قاتارلىق ساھەلەرنى قاپلىدى. بۇنىڭدىن سىرت، ئوتتۇرا ، كىچىك كارخانىلارنىڭ ھاۋالە پىلانىدىكى مەبلەغ سېلىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيدى ھەم تېخىمۇ تەپسىلىيلەشتۈرۈلدى.

ھاۋالە فوند مەبلەغ سېلىش ساھەسى ئاساسلىق تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1. ئۇل ئەسلىھە ھاۋالە كەسپى؛

2. ئۆي - زېمىن ھاۋالە كەسپى؛

3. قېزىلما بايلىق - ئېنېرگىيە تۈرىدىكى ھاۋالە كەسپى؛

4. پۇل مۇئامىلە بازىرى ھاۋالە كەسپى؛

5. سەنئەت بۇيۇمى ھاۋالە كەسپى؛

6. QDII ھاۋالە كەسپى؛

7. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ھاۋالە پىلانى؛

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.