قوش چۈشۈرۈش QE سىياسىتىلا ئەمەس مەركىزىي بانكىنىڭ مۈلۈك قەرز جەدۋىلىنىمۇ كېڭەيتەلمەيدۇ

rabigul 2015-10-26 12:21:18

\

جۇڭگو مەركىزى بانكىسى دۈشەنبە كۈنى سەھەردە يەنە بىر قېتىم ھۆججەت تارقىتىپ » قوش چۈشۈرۈش » توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بەردى. ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى ئوتتۇرىغا قويغان چۈشەندۈرۈشنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مەركىزى بانكىسى يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ مەركىزىي بانكىنىڭ مۈلۈك قەرز جەدۋىلى ئومۇمىي كۆلىمىنى كېڭەيتكىلى بولمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش QE سىياسىتى ئەمەس.

ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا بەرگەن جاۋابى بىلەن چۈشەندۈرۈشنى سېلىشتۇرغاندا، مەركىزىي بانكا مۇنداق ئىككى نۇقتىنى يەنىمۇ تولۇقلىدى:

1. ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش پەقەت قانۇندا بەلگىلەنگەن تەييارلىق فوندىنى نورمىدىن ئارتۇق تەييارلىق فوندىغا ئايلاندۇرۇش، مەركىزىي بانكىنىڭ مۈلۈك قەرز جەدۋىلى ئومۇمىي كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئەمەس.

2. ئېلىمىزنىڭ بۇ قېتىم ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشى ۋە ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى روشەنكى ھەممىسى ناھايىتى ئەنئەنىۋى، ئادەتتىكى پۇل سىياسىتى تەدبىرى، QE سىياسىتى ئەمەس.

دۆلىتىمىزنىڭ « قوش چۈشۈرۈش » تەدبىرى بىلەن چەت ئەل مەركىزى بانكىسى قوللانغان مىقدارلاشتۇرۇش كەڭ سىياسىتى (QE) ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ پەرق بار. چەت ئەل مەركىزى بانكىسى يولغا قويغان QE سىياسىتىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى نامى سىياسەت ئۆسۈم نىسبىتى ئاللىقاچان پانىي دۇنياغا تارقىلىپ بولدى، ئادەتتە ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەنلەتكىلى ۋە ئىقتىسادنىڭ قوللاش دەرىجىسىگە نىسبەتەن پۇل سىياسىتىنى ئاشۇرغىلى بولدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، ئاندىن مەركىزىي بانكا مۈلۈك قەرز جەدۋىلىنى بىۋاسىتە كېڭەيتىشكە مەجبۇرىي بولدۇ، ھەم مەلۇم مىقداردا ئالاھىدە مۈلۈك سېتىۋالغىلى بولدۇ، شۇڭا " مىقدارلاشتۇرۇش كەڭ سىياسىتى" دەپ ئاتالغان.

دۆلىتىمىزنىڭ "نۆل ئۆسۈم نىسبىتى" تېخى چەكلىمىگە ئۇچرىمىدى، نامى ئۆسۈم نىسبىتى سەۋىيىسى يەنىلا " نۆل " ئۈستىدە، بۇنىڭدىن سىرت، ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىمۇ نىسبەتەن يۇقىرى، شۇڭا نۆۋەتتە پۇل سىياسىتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولغان ۋاقىتتا، ئۆسۈم نىسبىتى قورالى ۋە تەييارلىق فوندى نىسبىتى قورالىنى ئىشلىتىش بوشلۇقى بار، شۇڭا ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرىمۇ مەركىزىي بانكىنىڭ مۈلۈك قەرز جەدۋىلىنى بىۋاستە كېڭەيتەلمەيدۇ، ھەم ئادەتتىن تاشقىرى QE تەدبىرىگىمۇ تەۋە ئەمەس.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.