دوللار بىلەن نېفىت باھاسىنىڭ بېسىمغا ئۇچرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب

rabigul 2017-11-09 15:58:31

\

تۈنۈگۈن كەچتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كېڭەش پالاتاسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى كارخانا بېجى تۆۋەنلىتىلىدىغانلىقىنى ، بۇ باج ئىسلاھاتىنىڭ يادرولۇق پىلانى بىر يىل كېچىكتۈرۈلۈپ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئويلاشقان، كېڭەش پالاتاسىنىڭ بۇ پىكرى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن؛ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى رۇيئەن ئارقىدىنلا بېشارەت بېرىپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ باج - ھەق ئىسلاھاتى پىلانى بەلكىم كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىن دېدى، ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى، باج - ھەق ئىسلاھاتىنىڭ كارخانىلارغا پايدىلىق تەرەپلىرى بارغانسېرى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى شۇ جاي ۋاقتى پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە، باج - ھەق ئىسلاھاتى قانۇن لايىھىسىگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئېلان قىلدى، بازار ئەندىشىسى تۈپەيلى، كېڭەش پالاتاسى باج ئىسلاھاتى قانۇن لايىھىسىنى ئۆز ۋاقتىدا ئېلان قىلالمىدى، بۇنىڭ بىلەن بازارنىڭ باج - ھەق ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئەندىشىسى بىر مەھەل زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەش ۋەزىيىتى بېسىمغا دۇچ كەلدى.

نېفىت بازىرى تەرەپتە، تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان EIA سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە ئامېرىكا EIA زاپاس مىقدارى مۆلچەردىكىدىن كېمىيىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن مۆلچەردىن ئېشىپ كەتكەن بېنزىن ۋە چەككىلەنگەن ماي زاپاس مىقدارى يەنىلا نېفىت باھاسىغا قىسقا ۋاقىت پايدىلىق تەسىر ئىلىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن نېفىت باھاسى 57.9 ئەتراپىغا چىققاندىن كېيىن، يەنە تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەپ كەتتى. بۇنىڭدىن سىرت، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىت ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەت — جۇڭگونىڭ 10-ئايلىق نېفىت ئىمپورت مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتكەن، بۇ ئەھۋالمۇ نېفىت باھاسىدا بىر قەدەر زور بېسىم شەكىللەندۈردى.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.