تىرامپ چاۋشيەننى يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئاگاھلاندۇردى

parida 2017-11-09 13:19:31

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: چارشەنبە كۈنى (11-ئاينىڭ 8-كۈنى) دوللار كۆرسەتكۈچى ئىككى چوڭ پايدىسىز ئامىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى ھەمدە قىسقا سىزىقى تۆۋەنلەشكە باشلىدى. سىرتقى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ بېجىنى كېمەيتىش تەدبىرى بىر يىل كېچىكتۈرۈلۈپ يولغا قويۇلىدىغانلىقى، شۇنداقلا يەنە تىرامپنى قوللاش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكى قاتارلىق ئامىللار مەبلەغ سالغۇچىلارنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. دوللار كۆرسەتكۈچى تۆۋەن چەكنى ساقلاۋاتقان پەيتتە، ئامېرىكا بازىرىدا زور مىقداردا سېتىۋىلىش دۇلقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، نەق ئالتۇن باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ 1290 دوللارغا چىقتى. دوللار كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلىگەندىن باشقا، جۇغراپىيىلىك سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ يەنە كەسكىنلىشىشىمۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى. تىرامپ كورىيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە چاۋشيەننى «ئامېرىكىنى بوش چاغلىماسلىق» توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئاگاھلاندۇردى.
تىرامپ چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئېنغا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىزنى بوش چاغلىماڭلار، بىزنى سىنايمىز دىگۈچى بولماڭلار! يادرو قورالىڭلار سىلەرنى بىخەتەر قىلالمايدۇ، ئەكسىچە ھاكىميىتىڭلارنى ئېغىر كرىزىسقا ئۇچرىتىدۇ، بۇ قاراڭغۇ يولدا باسقان ھەربىر قەدىمىڭلار سىلەرنى خەۋپ-خەتەرگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ. بىز ھەيۋەڭلەردىن قورقۇپ قالمايمىز، شۇنداقلا ئامېرىكا شەھەرلىرىنىڭ ۋەيران بولۇش تەھدىتىگە ئۇچرىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز.
تىرامپ كىم جۇڭئېنغا يەنە مۇنداق دېدى: چاۋشيەن سېنىڭ ئاتا-بوۋاڭنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى جەننەت ئەمەس، پەقەت ئەرزىمەس بىر جاي، بىز سىلەرنىڭ گۈزەل كەلگۈسى يارىتىشىڭلار ئۈچۈن ياخشى يول ئېچىپ بېرىمىز. تىرامپ يەنە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: مېنىڭ رەھبەرلىكىمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئارمىيىنى پۈتۈنلەي قايتا قۇرۇۋاتىدۇ، نەچچە تىرلېئون دوللار مەبلەغ سېلىپ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار ھەربىي ئۈسكىنىلەرنى ياساۋاتىدۇ، بىز چوقۇم ئەمەلىي كۈچىمىز ئارقىلىق تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.