مىنشىن پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمەت سۇپىسى 100 كۈچلۈكنىڭ ئىچىگە كىردى

parida 2017-11-09 16:09:37

\

«2-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئۇچۇر ئىقتىسادى بىلەن پۇل-مۇئامىلە پەن-تېخنىكا يىغىنى ۋە ئالاقە تورىنىڭ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش يۇقىرى قاتلاملىقلار يىغىنى» 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭ خەلق گېزىتى ئىدارىسىدە ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان مىنشىن پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمەت مەركىزى يىغىندىكى مۇھىم مۇكاپات-«يىللىق ئالاقە تورى پۇل-مۇئامىلە پەن-تېخنىكا يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى» غا ئېرىشىش بىلەن بىرگە يەنە، مەزكۇر پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ قارمىقىدىكى تور قەرز سۇپىسى-مىنشىن تور قەرز سۇپىسىمۇ يەنە بىر قېتىم «جۇڭگو ئالاقە تورى پۇل-مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ ئىچىدىكى 100 كۈچلۈك»نىڭ ئىچىگە كىردى.

\

بۇ قېتىمقى يىغىن سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستېرلىقىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئېلېكترون سودا جەمئىيىتى پۇل-مۇئامىلە پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئىنىستىتۇتى، جۇڭگو ئېلېكترون سودا جەمئىيىتى ئالاقە تورى پۇل-مۇئامىلە تەتقىقات ئىنىستىتۇتى، جۇڭگو ئېلېكترون سودا جەمئىيىتى ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستېرلىقىنىڭ باش مىنىستېرى لى يىجۇڭ، جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل سىياسىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ ئۇنىۋىرستېتى دۆلەت تەرەققىيات تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ يىپىڭ، ئاتاقلىق ئىقتىسادشۇناس فەن گاڭ، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى شېڭ سۇڭچېڭ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىيانەتچىلىك ، پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش باش ئىدارىسى 2 - ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق سودا جەمئىيىتى پۇل-مۇئامىلە پەن - تېخنىكىسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتى قانۇن بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لى جۇڭچېڭ قاتارلىق مۇتەخەسىسلەر يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىندا نوپۇزلۇق مۇتەخەسىسلەر ۋە پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىكى كەسىپي خادىملار بىرلىكتە ئەڭ يېڭى سىياسەتلەر ۋە ئالاقە تورى پۇل-مۇئامىلىسىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، پۇل-مۇئامىلە پەن-تېخنىكىسى بويىچە يېڭىلىق يارىتىشتا قانۇن ئارقىلىق خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى، بۇ ئارقىلىق ئالاقە تورى پۇل-مۇئامىلىسىنىڭ يېڭى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى.

\

مىنشىن پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ لىدىرى جاۋ مىڭچياڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىمۇ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق پۈتكۈل ساھەنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىنتايىن زۆرۈر. نۆۋەتتە ئالاقە تورى پۇل-مۇئامىلە كەسپى ساغلام تەرەققىي قىلىۋاتقان ھالقىلىق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ قېتىم ««يىللىق ئالاقە تورى پۇل-مۇئامىلە پەن-تېخنىكىسى يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەنلىكىمىز ۋە «جۇڭگو ئالاقە تورى پۇل-مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ ئىچىدىكى 100 كۈچلۈك»نىڭ قاتارىغا كىرگەنلىكىمىز-جەمئىيەتنىڭ ۋە بۇ ساھەنىڭ مىنشىن پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمەت مەركىزىنى ئېتراپ قىلغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مىنشىن پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى داۋاملىق تىرىشىپ ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئالاقە تورى پۇل-مۇئامىلە كەسپىنىڭ تېخىمۇ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.