خەلقئارالىق قىسقا ئۇچۇرلار

parida 2017-11-09 17:08:09

\

شىۋىتسىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى: شىۋىتسىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ 2018-يىلنىڭ دەسلىپىدە ئۆسۈم قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز؛
شىۋىتسىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ پۇل سىياسىتى يىغىن خاتىرىسى: بىر قىسىم كومىتېت ئەزالىرى پۇل سىياسىتىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭكىدىن بەك كۆپ پەرقلەنمەسلىكىنى تەكىتلىدى؛
جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستېرلىقى: جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپ مالىيە-ئىقتىساد سىياسىتى، پۇل سىياسىتى ۋە تاشقى پېرېۋوت سىياسىتىنى تەڭشەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسەتلىرىنى كۈچەيتىشنى ھەمدە ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ؛
ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئىجرائىيە ئەزاسى: تۆۋەن ئۆسۈم نىسبىتى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا خەۋپ-خەتەر ئېلىپ كەلدى؛
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى تېللىرسون: ئامېرىكا رۇسيە بىلەن بىرلىكتە سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ؛
ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كاتالونىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى بارسېلونانىڭ شەھەر باشلىقىنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلغان؛

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.