ئالەم بوشلۇقىدا بىر يىل تۇرۇپ كەلگەن ئۇچقۇچى يول مېڭىشنى يېڭىدىن ئۆگەندى

parida 2017-11-09 17:21:31

\

خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىدا 340 كۈن تۇرغاندىن كېيىن، ئامېرىكىلىق ئالەم ئۇچقۇچىسى سىكوت كېللىي يەر شارىغا قايتىپ كېلىپ، يول مېڭىشنى قايتىدىن ئۆگەندى. ئامېرىكىدىكى ئاممىۋى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى بۇ يىل 11-ئاينىڭ 15-كۈنى «بوشلۇقتىكى بىر يىل» دېگەن مەخسۇس تېمىلىق خاتىرە فىلىمنى قويۇپ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ يەر شارىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تۇرمۇشى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىدىكى ئۆزگىرىشنى بايان قىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئادەمنى ھەممىدىن بەك جەلپ قىلىدىغىنى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ قايتىدىن يول مېڭىشنى ئۆگىنىشىكەن.

\

ئالدىن ئاشكارىلانغان فىلىمگە قارىغاندا، كېللىي يەر شارىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن تۈز يولدا مېڭىشنى مەشىق قىلغان. ئەمدىلا قايتىپ كەلگەندە ناھايىتى ئاستا ماڭغان، يەنە كېلىپ دەلدەڭشىپ قالغان. ئالتە سائەتتىن كېيىن، ئۇنىڭ قەدىمى تېزلىشىشكە باشلىغان، بىراق يەنىلا دەلدەڭشىگەن. تەخمىنەن 22 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ يول مېڭىش سۈرئىتى ئوبدانلا تېزلىشىپ قالغان، بىراق يەنىلا دەلدەڭشىگەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە نۇر تورىدىن ئېلىندى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.