يەر شارى بازاردا پايچېك نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز چۈشۈپ كېتىدۇ؟

parida 2018-09-12 19:07:35

\

FX168 مالىيە ـ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: دۇنيا پاي بازىرىدا بازىرىدا تۇيۇقسىز پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۆۋەنلەش كۆرۈلدى : ياۋرۇپا پاي چېكى بازىرى ، ئامېرىكا پاي كۆرسەتكۈچى، شۇنىڭدەك شياڭگاڭ خېڭ شېڭ پاي كۆرسەتكۈچى قاتارلىقلاردا چۈشۈش كۆرۈلگەن ؛ ئامېرىكا دوللار كۆرسەتكۈچى بۇرۇنلا چۈشۈش كۆرۈلگەنلىكنى ئىپادىلىگەن . تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : گەرچە، ئىتالىيە دۆلەت قەرزىگە بولغان ئەندىشە پەسەيگەن بولسىمۇ ، ئەنگلىيە نىڭ ياۋروپا ئىتىپاقىدىن ئايرىلىش ئەندىشىسى تۈگىمىگەن. لېكىن، دۇنيا سودىسىدىكى جىددىي كەيپىياتى يەنىلا پۇل مۇئامىلە بازىرىغا زەربە بولۇۋتىدۇ ، بولۇپمۇ بۈگۈن چۈشتىن كېيىن بىر چەت ئەل تاراتقۇسنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا : دۇنيا سودا تەشكىلاتى (WTO) نىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئىجازەتنامىسى ئارقىلىىق ئامېرىكىغا قارىتا سودا جازاسى يۈرگۈزىدىكەن . ترامپ بۇرۇنلا WTOدىن چىكىنىش توغرىسىدىكى تەھدىت خاراكتېرلىك سۆزى ئاللىقاچان ئاشكارىلانغان. يەنە مۇشۇنداق ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىنى سودا تەشكىلاتىدىن چىكىنىشكە ئامراق بۇ زۇڭتۇڭنى سۆزلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
يەر شارى بازاردا پايچېك نېمە ئۈچۈن يەنە پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇيۇقسىز چۈشۈپ كېتىدۇ؟
بۈگۈن جۇڭگونىڭ A پاي چېكى يەنە چۈشۈپ : ئاكسىيە ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى تۆۋەن نۇقتىسى 2653.11 بولۇپ، ئارلىقى 2638 نۇقتا بولغان، بۇ پاينىڭ «ئاپەت خاراكتېرلىك تۆۋەنلىشى» ؛ ئاكسىيە بازىرىدىكى كۈندۈلۈك پۈتۈشۈش 100 مىليارد يۈەنگە يەتمەيدىغان بولۇپ، 2016- يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن بولغان .
تىرامىپنىڭ « تەھدىت» نەزەرىيەسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى
-8 ئاينىڭ 31 - كۈنى، خەۋەرلەردىن قارىغاندا : ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ داۋاملىق خەلقئارا سودا تۈزۈلمىسىنىڭ ئۇل تېشىغا قارىتىپ ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ئۇ مونداق دېگەن: ئەگەر دۇنيا سودا تەشكىلاتى ( WTO ) ئامېرىكا تېخىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلالمىسا ، ئامېرىكا WTO چېكىنىپ چىقىپ كېتىدۇ.
ترامپ شۇ كۈنى ئاقسارايدا بلۇمبېرگ ئاخباراتىنىڭ زىيارەتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئۆز-ئۆزىگە ئىگە بولۇشى كېرەك، بولمىسا ئامېرىكا WTO چېكىنىپ چىقىپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ياردىمىدە قۇرۇلغان نۇرغۇن كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ئۇچرىتىشى مۇمكىن. ترامپ ئالدىنقى ئايدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : كۆپ يىللاردىن بۇيان WTO نىڭ ئامېرىكىغا تۇتقان مۇئامىلىسى « ئىنتايىن ناچار » بولدى ، ھازىرمۇ ئامېرىكا بولغان ناچار مۇئامىلەدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە WTO بۇنداق ناچار مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك .
ئامېرىكا سودا ۋەكىلى Robert مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2001 - يىلى جۇڭگونى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشكە يول قويۇش بىر خاتالىق. ئۇ ئۇزاقتىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا نىسبەتەن تېخىمۇ رادىكال پوزىتسىيە قوللىنىشىغا سەۋەب بولدى، WTO بازار ئىگىلىكىسىز دۆلەت بولغان جۇڭگوغا تاقابىل تۇرالمايدۇ، دەپ قارالغان ئىدى.
چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: ئەگەر ئامېرىكا WTO دىن چىكىنىپ چىقىش ئارېقىلىق ھازىرقى زاماندا يەرشارى خاراكتېرلىك سودا سېستىمىسىنى ئاساسلىرىنىڭ بىرى بولغان دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىراتسا ، دۇنيا ئىقتىسادىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئامېرىكا- جۇڭگو سودا تالاش- تارتىشىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتشى مۇمكىن. شۇنداقلا بۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ياردىمىدە قۇرۇلغان نۇرغۇن كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ئۇچرىتىشى مۇمكىن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.