ئامېرىكا ياپۇنىيە سودا سۆھبىتى قوزغىتىلدى

parida 2018-09-12 19:10:03

\

FX168 مالىيە ـ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ مۇشۇ جۈمە كۈنى ياپونىيە بىلەن بولغان سودا سۆھبىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۇردى. بۇنىڭدىدا ئاساسلىق يېڭى ھەمكارلىق ۋە يېڭى كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى،بۇنىڭدىن ئۇنىڭ دىققىتىنىڭ ياپونىيەگە بۇرالغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
ترامپ ھاۋا ئارمىيە 1 – نومۇردا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر، بىز ياپونىيە بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلمىساق ، ياپونىيەگە نىسبەتەن بۇ بەك مۇھىم بولۇشى مۇمكىن . ترامپ مۇشۇ سۆزنى قىلىشتىن بىر كۈن ئاۋۋال « ۋال كوچىسى گېزىتى »گە ئۆزىنىڭ نىشانىنىڭ ياپۇنىيەگە توغرىلانغانلىقىنى ئېيتقان. ئۆتكەن جۈمە كۈنى نۇرغۇن تەرەپلەردىكى سودا توقۇنۇشى كۈچىيىپ كەتتى ، ئۇ يەنە مۇخبىرغا ئاللىقاچان جۇڭگونىڭ 2 ترلىيۇن 670 مىلىيارد دوللارلىق تاۋارىدىن تاموژنا بېجىنى قۇشۇپ ئېلىشقا تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى ئېيتقان.
ترامپ ھۆكۈمىتى يەنە كانادا بىلەن بولغان سۆھبەتتە جىددىيلىككە چۈشۈپ قالغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ھازىر بىر تۈرلۈك يېڭى سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋېتپتۇ، بۇ كېلىشىم « شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمى » نىڭ ئۇنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ.
«كانادا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، بىز كىلىشىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتىمىز، بىز بەلكىم بۇنى كېيىنكى نەچچە كۈندە بىلىشىمىز مۇمكىن. » دەيدۇ، ترامپ جۈمە كۈنى مۇخبىرغا .
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.