2018-يىلى9-ئاينىڭ13-كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

rabigul 2018-09-13 10:54:18

\

ئاساسىي ئانالىز

9-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاسىيا بازىرىدا، نەق كۈمۈش باھاسى كىچىك نىسبەتتە ئۆرلىدى، چۈنكى دوللار كۆرسەتكۈچى تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ كەتتى؛ گەرچە كۈمۈش باھاسى بارغانسىېرى يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن نۆۋەتتە يەنىلا بىر قەدەر تۆۋەن سەۋيىدە تۇرىۋاتىدۇ. دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلەش ۋەزىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئالامەتلىرىگە ئەگىشىپ، كۈمۈشنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىمۇ بارغانسېرى پەسەيدى، لېكىن نۆۋەتتە مەبلەغ سالغۇچىلار يەنىلا كۈمۈش باھاسىنى چوڭ نىسبەتتە ئۆرلەيدۇ دەپ قاراشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.
مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1.
چارشەنبە كۈنى كۈمۈش باھاسى 14.17-14.05 دوللار ئارىلىقىدىكى باھالاردا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى؛ چارشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا بىز كۈمۈش باھاسىنى 14.10 نىڭ يۇقىرىسىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن، ئاسىيا بازىرىدا يۇقىرى باھا 14.17 ئەتراپىغىچە پۇرسەت بەردى، چۈشۈشكە ئالغان ماللارنىڭ كۆپ قىسمىنى 14.10 ئەتراپىدا، يەنە بىر قىسمىنى 14.08 ئەتراپىدا چىقىرىپ تۇرۇشقا ئەسكەرتىش بەردۇق؛ ياۋروپا بازىرىدا بىز يەنە كۈمۈش باھاسىنى 14.18-14.20 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن، تەھلىلدىكى باھالارغا پۇرسەت بەرمىدى؛ كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا قولدا مال يوق خېرىدارلار كۈمۈش باھاسىنى 14.00 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئالىمىز دېگەن، ئۆسۈشكە ئالدىغان باھالارغا پۇرسەت بەرمەيلا پايدا رايونغا يېتىپ كەتتى. ئومۇمەن، تۈنۈگۈن كۈمۈش سودىسىدىن 5 نۇقتا ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى؛

2.بۈگۈن كۈمۈش باھاسىنى سودا قىلغاندا كۈندۈزى تەرەپتە يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلمىز; كونكېرىت سودا تەھىلىلى ھەر قايسى qq vip توپلېرىغا يوللىنىۋاتىدۇ.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

ئەڭ يېڭى كۈمۈش زاپاس مىقدارى : 10377.90 توننا

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار :14.30, 14.45

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.