ئافرىقىنىڭ شەھەرلىشىش سۈرئىتى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرماقتا

parida 2018-09-12 19:01:45

\

FX168 مالىيە ـ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئافرىقا دۇنيادىكى شەھەرلىشىش قەدىمى ئەڭ تېز بولغان قىتئە ھېسابلىنىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە ،2018-يىلىدىن 2035- يىلىغىچە دۇنيادىكى ئىقتىسادىي ئېشىشى ئەڭ تېز بولغان 10 شەھەر ئافرىقىدا بولىدىكەن. ئەنگلىيە « پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى » نىڭ مۇشۇ ئارينىڭ 11- كۈنى دۇنيا بانكىسى تەتقىقاتتدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن، ھازىر سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا شەھەرلىرىدە 472 مىليون ئادەم ياشايدۇ ، ئۇ يەردىكى يۇقىرى تۇغۇلۇش نىسبىتى ۋە يېزا ئاھالىلىرى بەس - بەستە شەھەرگە كىرمەكتە، بۇ 2040 - يىلىغا بارغاندا ئافرىقا شەھەر نوپۇسىنىڭ بىر ھەسسىدىن ئارتۇق ئېشىپ 1 مىلياردقا يېتىدىغانلقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئېشىش سۈرئىتى دۇنيادىكى باشقا رايونلارنىڭ شەھەرلىشىش سۈرئىتىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن. دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئافرىقىدىكى بەزى چوڭ شەھەرلەرنىڭ، مەسىلەن نوپۇسى 21 مىلىيۇنغا يېتىدىغان نىگېرىيە سودا پايتەختى لاگوس ۋە دېموكراتىك كونگونىڭ پايتەختى كىنشاسا قاتارلىقلار ھەر يىلى سىرتتىن كەلگەن نەچچە يۈزمىڭ ئاھالىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، كامېرون پايتەختى يائۇندېدەك كىچىك شەھەرلەرنىڭ نوپۇسىمۇ يەنىمۇ تېز سۈرئەتتە ئاشماقتا .
مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ بوكېنتنىڭنىڭ مۆلچەرىچە،2015- يىلىدىن 2025- يىلىغىچە ئافرىقا شەھەر نۇپۇسى ھەر يىلى 24 مىليوندىن ئېشىپ بارىدىكەن. بۇ سانلىق قىممەت ھىندىستان ۋە جۇڭگودا ئايرىم - ئايرىم ھالدا 11 مىليون ۋە 9 مىليون ئىكەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.