ئىتالىيەنىڭ « يەكشەنبىدە مال ساتماسلىق » يېڭى سىياستى

parida 2018-09-12 18:56:25
\
يەرشارى ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئالدىنقى كۈنى يەكشەنبە تىجارەت قىلماسلىق ئۇقتۇرىشى جامائەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشى ئارقىسىدا بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى ، ئىتالىيە بەش يۇلتۇز ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى ، مۇئاۋىن زۇڭلىسى دېمارىيو مۇشۇ ئاينىڭ 10- كۈنى ئامالسىز بۇ خىل يېڭى سىياسەتنى قايتىدىن چۈشەندۈرۈپ مونداق دېدى، تۆتتىن بىر دۇكان يەكشەنبە كۈنى نورمال تىجارەت قىلسا بولىدۇ.
ئۆزى دىمارىيو 9 – ئاينىڭ بېشىدا يەكشەنبە كۈنى تىجارەت قىلماسلىقنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ئۆكتىچىلەر دەرھال ئوتتۇرىغا چىقىپ قارشى تۇرغان. ۋەكىللەر ئىچىدە سول قانات دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ سابىق زۇڭلىسى رېنزى مۇنداق دەيدۇ ، بۇ تەكلىپ بەك بىمەنە بولۇپ، بۇ تېخىمۇ كۆپ ياشنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . نۇرغۇن پارچە سېتىش سودىگەرلىرى يەنە مۇنداق دەپ قارىدى: يەكشەنبە كۈنى دۇكاننى تاقاش كۆپ ساندىكى دۇكانلاردىكى نەچچە ئون مىڭ ئادەمنىڭ ئىشسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . يەكشەنبە كۈنى بىر ھەپتە ئىچىدىكى تىجارەت سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولىدىغان كۈن، بۇ ھەرىكەت پەيدا قىلغان ئىقتىسادىي زىيانغا سەل قاراشقا بولمايدۇ . ئەمەلىيەتتە، ئەسلىدىلا نۇرغۇن پارچە سېتىش سودىگەرلىرى توردا نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىش دولقۇنى ئېلىپ كەلگەن بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە .
بۇ پەقەت ئىتالىيەدىلا يولغا قۇيۇلغان سىياسەت ئەمەس، پولشا زۇڭتۇڭى ئانجېئىن دۇۋدامۇ بۇ يىل بىرىنچى ئايدا «يەكشەنبە كۈنى تىجارەت قىلماسلىق» قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىغان . گەرچە، ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە «ھەپتە ئاخىرى تىجارەت قىلىنمايدىغان» ئەنئەنە بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۆپ قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى بولۇپمۇ بەزى ساياھەت شەھەرلىرىدە ئىقتىسادنى قوزغىتىش ئۈچۈن ھەممىسى تەدرىجىي ھالدا يەكشەنبە كۈنى تىجارەت قىلمايمىز » دېگەن بەلگىلىمنى بوشاتتى.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.