ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم قوشۇشىنى ئويلاشمىدى

parida 2018-09-12 18:49:28

\

FX168 مالىيە ـ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسى 9 - ئايلىق قارارنى يېقىندا ئېلان قىلماقچى. تەھلىلچىلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 8 - ئايدا ئۆسۈم قوشۇشتىن كېيىن، ئەنگىلىيە مەركىزىي بانكىسى ئەنگىلىيەنىڭ ياۋروپا سۆھبەتى قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈپ ئۆسۈم قوشۇشى توختىتىدۇ. تەھلىلچىلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى، 8 – ئايدىكى يىغىندىن بۇيان ئەنگىلىيە ئېلان قىلغان ماكرو ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتىدا ياخشى سابلىق مەلۇماتمۇ، ناچار سانلىق مەلۇماتىمۇ ئوخشاش مەۋجۇت. يەنە بىر خىل مۆلچەردە بەلكىم بۇ قېتىمقى ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسى قارارى «تەدرىجىي ئىلگىرىلەپ ئۆسۈم قوشۇش قەدىمى» نى توختاتماسلىقى مۇمكىن، مۆلچەرلىنىشىچە ، بۇ قېتىمقى قارار فوندستېرلىڭغا نىسبەتەن زور تەسىرگە ئىگە بولۇپ ، فوندستېرلىڭ يېقىندا يۈزلىنىشى ئاساسلىقى ياۋروپا سۆھبەتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.
ئەنگىليەنىڭ 7 – ئايلىق GDPسىنىڭ ئايلىق نىسبىتى% 1.6 ، 6 - ئايدا % 1.3 ئۆرلىدى . ئەنگلىيە دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى : ئەنگلىيە ئىقتىسادىي ئېشىشى 7 –ئايدا توختاشتىن بۇرۇنقى ئۈچ ئايدا ئاساسەن ئۆرلەش يۈزلىنىشىدە بولغان، مۇلازىمەتچىلىك كەسىپى كۈچەيگەن ، پارچە سېتىش بازىرى ياخشى بولغان، ياخشى ھاۋا رايى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى بۇنىڭغا تۈرتكە بولغان.
بۇنىڭدىن باشقا ئەنگلىيەدە پۇل پاخاللىقى داۋاملىق ئىشىش ئالامەتلىرى بار . ئەنگلىيەدە 7 – ئايدا CPI نىڭ يىللىق نىسبەتىنىڭ ئۆرلىشى % 2.5 ، 6 - ئايدا % 2.4 بولغان. يېمەكلىك ۋە ئېنېرگىيەنى يادرو قىلغان پۇل پاخاللىقىنىڭ ئېشىشى مۇقىم ھالدا % 1.9 ئەتراپىدا بولغان. ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسى پۇل پاخاللىقى نىشانى % 2 ئەتراپىدا كونترول قىلىش.
ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئالاقىدە يېقىندىن بۇيان ئىزچىل بەك ئاكتىپ ئىزدەندى، بۇ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىكىنىشى ئېلىپ كەلگەن خەۋپ –خەتەرنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق.
دېنىس گرامنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇنقى بىر مۇھىم توسالغۇ بولۇپ قالىدىكەن، بۇنىڭدىن باشقا فوندستېرلىڭنىڭ ياۋرۇ بىلەن ئايرىۋاشلىغاندا يەنىلا خەۋپ – خەتەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
نۆۋەتتە بازاردا ئېقىپ يۈرگەن 9- ئاينىڭ 13 - كۈنى ئەنگلىيە مەركىزى بانكىسى ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى بار دېگەن خەۋەرنىڭ مۇمكىنچىلىكى % 1 ، ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ كېلەر قېتىملىق ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى پەقەت % 50 . 2020 - يىلىدىن بۇرۇن ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىنى تولۇق بېكىتىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.