P2P پۇل-مۇئامىلە سۇپىسىدا ئۇچۇرلارنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش دەرىجىسى

parida 2017-12-26 16:54:54

\

بېيجىڭ شەھەرلىك تور قەرز كەسپى جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى گوداگاڭ شىنخۇا تورى تەشكىللەپ ئۇيۇشتۇرغان «ئالاقە تورى پۇل-مۇئامىلىسىنىڭ سودا ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش مۇھاكىمە يىغىنى» دا مۇنۇلارنى بىلدۈردى، P2P تور قەرز سۇپىسى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش بىلەن جۇڭگودا مۇنداق ئۈچ چوڭ ئىش ھەل بولدى: ئالدى بىلەن ئەلئارا پۇل-مۇئامىلە سانلىق مەلۇماتلىرى ئايرىپ چىقىلىپ، پۇل-مۇئامىلە ئۇچۇرلىرىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولماسلىقىغا زەربە بېرىلدى، چۈنكى ئالاقە تورىنىڭ ئەڭ ياخشى بىر تەرىپى ئۇچۇرلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئاشكارا بولۇشىدىن ئىبارەت.
ھەل قىلىنغان 2-مەسىلە بولسا، پايدا نىسبىتى بازارلاشتۇرۇلدى يەنى جۇڭگونىڭ ھازىرقى پۇل سىياسىتى، پايدا نىسبىتى يەنىلا بازاردىن خالىي بولۇپ، پەقەت P2P تور قەرز سۇپىسىلا يۇقىرى دەرىجىدە بازارلاشقان، ئېقىشچانلىقى يۇقىرى.
ھەل قىلىنغان 3-مەسىلە بولسا، يېڭىلىق يارىتىشتا خەۋپ-خەتەر بولىدۇ، پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىمۇ يېڭىلىق يارىتىشنى خالايدۇ ئەمما تەننەرخى بەك يۇقىرى. P2P تور قەرز سۇپىسىدىكى يېڭىلىق يارىتىش بانكىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىدىكى سېستىما خاراكتېرلىك خەۋپ-خەتەر تەننەرخى مەسىلىسىنى ھەل قىلىندى.
جۇڭگونىڭ P2P تور قەرز كەسپى ئەلئارا پۇل-مۇئامىلىدىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئەلئارا پۇل-مۇئامىلىدىكى پايدا نىسبىتىنىڭ تەكشى بولۇش ئەھۋالىنى تۈگەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خەتەرلىك مەبلەغ P2P تور قەرز سۇپىسىدا يۇقىرى دەرىجىدە تارقاقلاشتۇرۇلدى، مانا بۇ P2P تور قەرز كەسپىنىڭ جۇڭگودا ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىپ باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. ئالاقە تورى مۇكەممەللەشكەن شارائىت ئاستىدا بارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى تولۇق يىغىش پۈتۈنلەي مۇمكىن بولىدىغان بولدى، شۇڭا، بۈگۈنكى ئالاقە تورى پۇل-مۇئامىلىسى ئالاقە تورىنىڭ تۆھپىسى بولۇپلا قالماستىن يەنە جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى كەلتۈرۈپ چىقارغان تارىخىي مۇقەررەرلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.