مىنشىن پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئەمەلىي ئىقتىسادنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى

parida 2017-12-26 17:18:06

\

مىنشىن پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمەت شىركىتى 2012-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، شىركەت قۇرۇلغان بەش يىلدىن بۇيان «ئەل ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈش، ئەل ئىچىدە يىلتىز تارتىش» نى يىتەكچى ئىدىيە قىلىپ، پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، 500 مىڭدىن كۆپرەك ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئەلا سۈپەتلىك پۇل-مۇئامىلە ئۇچۇر ۋاستىچى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئەمەلىي ئىقتىساد ۋە پۇل-مۇئامىلىدىن ئورتاق مەنپەئەتلىنشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئاكتىپ ماسلىشىدىغان مىنشىن پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى پۇل-مۇئامىلە پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئالاقە تورى پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمەت ساھەسىدە نۇرغۇن بۆسۈشلەرنى ھاسىل قىلدى.
2017-يىلى مىنشىن پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئۈچۈن شەرەپ قۇچقان بىر يىل بولدى. مىنشىن پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى خەۋپ-خەتەرنى كونترول قىلىش، بەلگىلىمىلەرگە بويسۇنۇش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، كەلگۈسىدە مىنشىن شىركىتى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، بەلگىلىمە ۋە سىياسەتلەرنى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، كەڭ خېرىدارلارنى ئەلا سۈپەتلىك پۇل-مۇئامىلە ئۇچۇر ۋاستىچى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.