دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ بۇ ھەپتىدىكى ھالقىلىق تىرەش نۇقتىسى

rabigul 2017-12-26 16:07:26

\

12-ئاينىڭ 26-كۈنى ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا، دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى تەۋرەنمە تەۋرىنىش ھالىتىنى ساقلاپ ئېنىق بىر يۆنىلىشنى شەكىللەندۈرمىدى، نۆۋەتتە 93.26 ئەتراپىدا تەۋرىنىۋاتىدۇ؛

گەرچە ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى باج - ئىسلاھاتى قانۇن لايىھىسى ماقۇللانغان بولسىمۇ، ھەمدە ئامېرىكا دۆلەت قەرزى پايدا نىسبىتى يۇقىرى ئۆرلىگەن بولسىمۇ، لېكىن دوللارنى بىر سېۋەت ئاساسلىق پۇللارغا ئالماشتۇرۇش پېرېۋوت باھاسى يەنىلا تۆۋەنلىدى.

ھەپتىلىك سىزىقتىن قارىغاندا، دوللارنىڭ ئاساسلىق يۈزلىنىشى يۇقىرىغا قارىغان بولسىمۇ، لېكىن 11-ئاينىڭ 10-كۈنى يۇقىرى نۇقتىنى شەكىللەندۈرگەندىن بۇيان، ھەرىكەت ئېنېرگىيىسى بىر قەدەر تۆۋەن.

نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەگەر 92.13 دىن چۈشۈپ كەتسە، ئۇنداقتا دوللارنىڭ ئاساسلىق يۈزلىنىشى تۆۋەنلەشكە قاراپ مېڭىپ، 90.68 دىكى تىرەش نۇقتىسىغا ئۇچرايدۇ.

ئەگەر 93.83 دىن بۆسۈپ ئۆتۈش جەھەتتە كۈچلۈك بېشارەت بېرىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەش ھەرىكەت ئېنېرگىيىسى پەيدا قىلسا، ئۇنداقتا 94.76 دىكى توسالغۇ نۇقتىسىغا ئۇچرايدۇ.

ئاساسلىق تەۋرىنىش دائىرىسى 90.68-94.76 بولۇپ، تۆۋەنكى تىرەش نۇقتىسى 92.72-92.24 ؛

بۇ ھەپتىدىكى ئاساسلىق يۆنىلىشىدىن قارىغاندا، دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ بۇ ھەپتىدىكى يۈزلىنىشى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ 92.72 سەۋىيىگە يېقىنلىشىشىغا بولغان % 50 ئەتراپىدىكى ئىنكاسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.