4-ئاينىڭ 9-كۈندىن كېيىنكى نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ بېلىتىنى سېتىش ۋاقتىنچە توختايدىكەن

parida 2019-03-12 16:22:59

\


شىنجاڭ سەھەر گېزىتى خەۋىرى :مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 10-كۈنى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ يولۇچى توشۇش تارمىقىدىن ئىگىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى ۋە ئۇنىڭدىن كېينكى نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ بېلىتىنى سېتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىدىكەن، 3-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ بېلەت سېتىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى بېلەت سېتىشنى توختىتىش بولسا جۇڭگو تۆمۈريول باش ئىدارىسىنىڭ بۇ يىلقى 2-پەسىللىك نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ يول يۈرۈش خەرىتىسىنى تەڭشەشتىكى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بولۇپ، سېتىش توختايدىغان دائىرىلەر بولسا ئۈرۈمچى ئىدارىسىدىن يولغا چىقىدىغان ھەر قايسى نۆۋەتلىك بىۋاسىتە قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزى ۋە كىچىك بېكەتلەر ئارا قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى كەڭ يولۇچىلارىغا ۋوگزاللاردىكى ئۇقتۇرۇش ۋە «شىنجاڭ تۆمۈريولى» ئۈندىدارىغا، مىكروبىلوگ سۇپىسىغا دىققەت قىلىشنى ياكى جۇڭگو تۆمۈريولى يولۇچىلار مۇلازىمەت مەركىزى 12306 تور بېكىتىگە چىقىش، 12306 يولۇچىلار مۇلازىمەت تېلېفونىغا تېلېفون قىلىش ئارقىلىق نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ يولغا چىقىش ئۇچۇرىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈرۈپ، سەپەرگە چىقىش پىلانىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىشنى ئەسكەرتىدۇ

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.