كۈمۈشنىڭ ئۆرلەش بوشلۇقى يەنىلا بېسىمغا ئۇچراۋاتىدۇ

rabigul 2019-03-12 16:48:56

\

سەيشەنبە كۈنى نەق مال كۈمۈش باھاسى كىچىك نىسبەتتە 15.37 دوللار ئەتراپىغىچە ئۆرلىدى، كۈمۈشنىڭ قىسقا ۋاقىتلىق يۈزلىنىشى تەۋرەنمە تەۋرىنىشنى ئاساس قىلىۋاتىدۇ، چۈنكى دوللار كۆرسەتكۈچى بىر قەدەر ئاجىز، لېكىن كۈمۈشنىڭ ئۆرلەش يۈزلىنىشى ئوخشاشلا مەلۇم دەرىجىدە توسالغۇغا ئۇچراۋاتىدۇ؛ كەچتە پۇل مۇئامىلە بازىرى ئامېرىكا CPI سانلىق مەلۇماتىنى كۈتۈۋالىدۇ، ئەمما تېرىسا مېيىنىڭ يېڭى كېلىشىمگە بېلەت تاشلاش بۈگۈن كەچتىكى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ بىرى.

كۈندىلىك گرافىك ھالىتىدىن كۆرسىتىلىشىچە، نەق مال كۈمۈشنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى بىر قەدەر كاسات، بازارنىڭ كۈمۈشكە مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقىمۇ ئانچە يۇقىرى ئەمەس، بۇ كۈمۈشنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىنى چەكلىمىگە ئۇچراتقان ئاساسىي ئامىللارنىڭ بىرى. گەرچە KD ۋە RSI كۆرسەتكۈچى تەكشى ئۆرلەش ۋەزىيىتىدە بولسىمۇ، لېكىن كۈمۈشنىڭ قايتا ئۆرلەش بوشلۇقى مەلۇم دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچرىشى مۇمكىن.

4 سائەتلىك گرافىك ھالىتىدىن كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە كۈمۈش 50 ھەپتىلىك ئوتتۇرچە سىزىقتا تىرەشكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا 100/200 ھەپتىلىك ئوتتۇرچە سىزىقنىڭ تۆۋەنكى تەرىپىدە بېسىمغا ئۇچراۋاتىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.