ئالتۇن مۇھىم تېخنىكلىق ئورۇننى بۇزۇپ تاشلىسا، قايتىدىن ئۆرلەپ 1310غا چىقىدىكەن

parida 2019-03-12 15:58:50

\


سەيشەنبە كۈنى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاسىيا چۈشلۈك بازىرىدىن كېيىن، خەلقئارالىق نەق مال ئالتۇن 1296.50ئامېرىكا دوللار\ئۇنسىيە ئەتراپىدا تۇرغان بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدە ئالتۇن بىر مەھەل شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ 1290.25ئامېرىكا دوللارلق سەۋىيە بىلەن ئۇچراشقان، ئۇمۇمى جەھەتتىن قارىغاندا يەنىلا ئۆزىنىڭ كىچىك دائىرىدىكى تەۋرىنىشىنى نامايەن قىلغان.

ئەڭ يېڭى CFTC سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە، 3-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە شۇ ھەپتىلىك سودىدا، فوند دېرىكتورى Comexنىڭ قەرەرلىك ئالتۇن سودىسىدىكى ئۆسۈشكە قىلغان قول سانى 28314دىن 125903غىچە كېمەيگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە چۈشۈش يۆنىلىشىدىكى سودا قىلغۇچىلارنىڭ سانى 18998دىن 94656غىچە ئازايغان، نۆۋەتتە ئالتۇنغا ئۆسۈشكە سودا قىلغۇچىلارنىڭ سان 31247بولغان.

ئۆتكەندىكى ئۈچ سائەتتە، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۈچ كىچىك مۇسىبەت سىزىقى ئىزچىل يۇقىرىغا ئۆرلىگەن بولۇپ، 1296ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا تۇرغان. بۇنىڭدىن ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈپ بايراق شەكىلدىكى ئورۇنىنى بۆسۈپ ئۆتىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۆسۈش جەريانىدا تېز سۈرئەتتە ئالدىغا سىلجىيدىغانلىقنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇ.

مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئەگەر ئالتۇن باھاسى 1300ئامېرىكا دوللىرى\ئۇنسىيەلىك ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلىسا، ئۇنداقتا تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇن 1310 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقىدىكەن. ھەمدە تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بايراق شەكىللىك ئورۇننى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئۆسۈشكە قارايدىكەن. ئەكىسچە، ئەگەر ئالتۇن باھاسى 1290ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەنلىسە، يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشۈشنى كۆردىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.