ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش خەۋىرى بىلەنلا، فوند ستېرلىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىدى

rabigul 2019-03-12 13:17:42

\

3ـ ئاينىڭ 12ـ كۈنى ئاسىيا شەھىرىدىكى ئەتىگەنلىك بازاردا، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش خەۋەرى كەلدى.چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمىگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنىڭ ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىش كېلىشىمىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ خەۋەرنىڭ تەسىرىدە، سەيشەنبە كۈنى ئاسىيا شەھىرىدە ئەتىگەنلىك بازار ئېچىلىپ، فوند ستېرلىڭ بىر مەھەل شىددەت بىلەن ئۆرلەپ 100 نۇقتىدىن ئېشىپ كەتتى. سەيشەنبە كۈنى، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرىسا مېينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش كېلىشىمى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئەھمىيەتلىك ئاۋاز بېرىشكە دۇچ كىلدىغانلىقى، بۇ بۈگۈنكى پۇل مۇئامىلە بازىرى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان خەتەرلىك ئىش يىسىاپلىنىدۇ.
سەيشەنبە كۈنىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرگە قارىغاندا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىنچىقىپ كېتىش كېلىشىمىنى ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، سەيشەنبە كۈنى تۆۋەن پالاتانىڭ ئاۋاز بېرىشىگە تاپشۇرىدىغانلىقىنى، فوند ستېرلىڭنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرىسا مېينىڭ ياردەمچىسى داۋىد دۈشەنبە كۈنى كەچتە لوندوندا پارلامېنتقا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تېرىسا مېي ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە ئۆزگەرتىشنى قولغا كەلتۈردى، بۇ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش كېلىشىمىنى كۈچەيتىدۇ ۋە ياخشىلايدۇ.
داۋىد مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش كېلىشىمى ۋە كەلگۈسىدىكى ئەنگلىيە ـ ياۋروپا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى سىياسىي باياناتىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن تۇنجى قېتىم قوشۇلۇشىنى قولغا كەلتۈردى.
داۋىد يەنە: "ستراسبۇرگتىكى سۆھبەت يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ" : دېدى.
داۋىد يەنە مۇنداق دېدى: "تېرىسا مېينىڭ مەقسىتى ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئۇ سۆھبەتتە مۇشۇ بىر نۇقتىدا چىڭ تۇرىدۇ. تېرىسا مېي ئىرېلاندىيە چېگرا زاپاس لايىھەسىنى يولغا قويۇشتا قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە تەڭشەشنى قولغا كەلتۈردى" دېدى.
ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىشىگە بولغان ئۈمىدۋار كەيپىياتنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، فوندستېرلىڭ سەيشەنبە كۈنى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى سودا ۋاقتىدا بىر مەھەل 1.1%ئۆرلىگەن، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1.3287 يىقىنلاشقان.دۈشەنبە كۈنىدىكى سودا كۈنىدە بۇ پۇلنىڭ ئۆسۈشى1%تىن ئاشقان.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.