ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئېچىلىدى

parida 2019-02-25 17:10:16

\

2-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئېچىلىدى، يىغىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ 31 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى .

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، شى جىن پىڭنىڭ يىڭى دەۋرىدە جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكتىكى سوتسىيالىستىك ئىدىيەسىنى يىتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى كۈچەيتىپ،مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم خىزمەتلەردىن دوكىلات بېرىلدى.ئۇنىڭىدن باشقا يەنە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ھەمدەئۇنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى سۆزلەندى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.