مەكتەپ ئوقۇتۇشتا يان تېلېفوننى ياخشى باشقۇرۇشى كېرەك

parida 2019-02-25 15:53:53

\

مەكتەپتە يان تېلېفوننى پۈتۈنلەي چەكلەش ھازىرقى يۈزلىنىشكە مۇۋاپىقمۇ ئەمەسمۇ؟ قاتتىق قول ئۇسۇلدا چەكلەش توغرىمۇ ياكى يۇمشاق ئۇسۇل قوللىنىش كېرەكمۇ؟
قانداق قىلغاندا مەكتەپ بىلەن ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ئىناقلاشتۇرغىلى بولىدۇ؟يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ، بايىلا تەتىل مەزگىلىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەكتەپ قوينىغا قايتىش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىدا، يەنىلا تەتىل مەزگىلىدە ئۆزىگە خېلى ئوبدانلا ھەمراھ بولغان يان تېلېفون بىلەن كومپىيوتېردىن مېھىرىنى ئۈزۈش قېيىن كېلىۋاتىدۇ.
يېقىندا ئېلان قىلىنغان دوكىلاتقا ئاساسلانغاندا، بالىلار چاغاندىن كېيىنكى دوختۇرخانىنىڭ كۆز بۆلۈمىگە كېسەل كۆرسىتىشتىكى « ئاساسىي كۈچ » بولۇپ قالغان يەنى ، مەلۇم ئۈچ A دەرىجىلىك دوختۇرخانىنىڭ كۆز بۆلۈمىگە بېرىپ كېسەل كۆرسەتكەنلەرنىڭ ئارىسىدا ، بالىلارنىڭ سانى % 65 دىن ئېشىپ كەتكەن ،بۇنىڭ سەۋەبى ئۇزاق مۇددەت ئېلېكترونلۇق مەھسۇلات ئىشلەتكەنلىك ئىكەن. شۇڭىلاشقا نۉۋەتتە، مەكتەپنىڭ يان تېلېفون ئىشلىتىشنى چەكلەش ياكى چەكلىمەسلىكى توغرىىسدا يەنە بىر قېتىم مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشى زۆرۈر بولۇپ قالغان.
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئالاقە تورىنىڭ تېز سۈرئەتتە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئەقىلي ئىقتىدارلىق يان تېلېفونغا بولغان ئېھتىياجمۇ بارغانسېرى كۈچىيىپ بارماقتا، بۇنىڭ بىلەن قۇرامىغا يەتمىگەن ياكى قۇرامىغا يېتىش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تور ئويۇنىغا خۇمار بولۇپ قېلىش ھادىسلىرى بارغانسېرى روشەن بولماقتا.
بۇ ئەھۋالنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن، مەكتەپ بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى مۇھاكىمىگە تەشكىللەش ئارقىلىق ، بېكىتىلگەن قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى باشقۇرۇش روھىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاكتىپ ھەر خىل ئالاقە تورى سۇپىسى ۋە ئەمەلىي پروگراممىلارنى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بىلەن بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى توردىن ساغلام بولمىغان مەزمۇنلار ئىچىدىن « قايتۇرۇپ كېلىشكە » ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، ئائىلە باشلىقلىرى ئۆز ئەمەلىيىتىدە مۇۋاپىق ھالدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىشلىتىشكە ئۈلگە كۆرسىتىشى، ئائىلەدە بولسا كۆپرەك ھەمراھ بولۇپ، بالىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىق تەرەققىياتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.