نېفىت باھاسى داۋاملىق يۇقىرىغا ئۆرلەش ھالىتىنى ساقلامدۇ؟

xayida 2019-02-25 17:30:56

\

دۈشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا، ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى بۇ يىل ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى باھالار ئەتىراپىدا بولدى، قەرەللىك نېفىت باھاسى ئومومىي جەھەتتىن يۇقىرىغا ئۆرلەش يۆلىنىشىدە بولدى، گەرچە ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت زاپاس مىقدارى سانلىق ئۇچۇرى نېفىت باھاسىغا ئانچە پايدىلىق بولمىسىمۇ، بىراق جۇڭگو ئامېرىكا سودا سۆھبىتىنىڭ ئۈمىداۋار كەيپىياتى ھەمدە OPEC دۆلەتلىرىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كېمەيتىش ھەركىتى قاتارلىق تەدبىرلىرى داۋاملىق نېفىت باھاسىنى داۋاملىق ئۇرغۇتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېخنىكىلق يۈزدىن قارىغاندا، نېفىت باھاسى داۋاملىق يۇقىرىغا ئۆرلەش ھالىتىنى ساقلايدۇ ھەمدە تېخنىكا يۈزمۇ نېفىت باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تىرەش ئېلىپ كېلەلەيدۇ.

EIA ئېلان قىلغان سانلىق قىممەتلەرگە ئاساسلانغاندا ، -2 ئاينىڭ -15 كۈنىدىن ھازىرغىچە بولغان بىر ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك ساقلانغان نېفىتتن باشقا سودا نېفىتىنىڭ زاپاس مىقدارى ئۆرلەپ 3 مىليون 672 مىڭ باكدىن 454 مىليون 50 مىڭ باكقىچە بولغان، ئوكلاخوما شتاتى كۇشىن رايونى نېفىت زاپاس مىقدارى 3 مىليون 413 مىڭ باك ئۆرلەپ، -2018 يىلى -4 ئاينىڭ -6 كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى قىممەت بولۇپ قالغان. ئالدىنقى ھەپتە يەنە بېنزىن زاپاس مىقدارى 1 مىليون 454 مىڭ باك تۆۋەنلىدى، چەككىلەنگەن ماي زاپاس مىقدارىمۇ 1 مىليون 517 مىڭ باك تۆۋەنلىگەن ھەمدە چەككىلەنگەن ماي زاپاس مىقدارىدا -2017 يىلى -10 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن قىممەت شەكىللەندى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.