2018-يىلى يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

parida 2018-03-21 15:45:02

\

يەرشارى تورى خەۋىرى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 2018-يىلى يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋەزىپىسى توغرىسىدا مۇھىم ئۇقتۇرۇش چىقارغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى مۇھىم نۇقتىلار تۆۋەندىكىچە:
1. يېزا نۇپۇسىنىڭ شەھەرلىشىش قەدىمى تېزلىتىلىدۇ. شەھەر نۇپۇسىغا ئېلىش شەرتى كەڭ قويۇپ بېرىلىدۇ، دائىمىي تۇرۇشلۇق ئاھالىنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى كۈچەيتىلىدۇ. «ئادەم، يەر، پۇل» نى ماسلاشتۇرۇش سىياسىتى چوڭقۇرلاپ يۈرگۈزۈلىدۇ، يېزا نۇپۇسلىرىنىڭ شەھەرلىشىش نىسبىتى يەنىمۇ ئاشۇرۇلىدۇ. يېڭى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ شەھەرگە سېڭىشىش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
2. شەھەر توپى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلىدۇ. شەھەر توپى يىرىك پىلانى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكى قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم بىلەن قانات يايدۇرۇلىدۇ. چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەرنى يېتىشتۈرۈش قەدىمى تېزلىتىلىپ، خاس كىچىك بازارلارنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
3. شەھەر تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلىدۇ. شەھەرلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، شەھەرلەرنىڭ ئورۇنلىشىش ئەندىزىسى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇلۇپ، يېشىل مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىنىدۇ، شەھەرلەرنى زامانىۋى تۈزەش خىزمىتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
4. شەھەر ۋە يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. شەھەر ۋە يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى يۇقىرى قاتلام لايىھەسى ياخشى ئىشلىنىپ، يېزىلاردىكى تۈرلۈك توسالغۇ ئامىللىرى ھەل قىلىنىدۇ، شەھەر ۋە يېزا كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ھەمدە جامائەت بايلىقىنىڭ يېزىلارغا كېڭىيىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
5. شەھەر-بازارلاشتۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. شەھەر ۋە يېزىلارنىڭ يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ، شەھەر-بازارلاشتۇرۇشتا مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزىمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سىناق رايونلارنىڭ ئىسلاھاتتىكى سۇپىلىق رولى كۈچەيتىلىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.