نۆۋەتتە پۇل مۇئامىلە بازىرى قىل ئۈستىدە تۇرىۋاتىدۇ

rabigul 2018-03-21 16:06:09

\

بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ ھەپتە ئىچىدىكى مۇھىم بىر سودا كۈنىنى كۈتىۋالىدۇ. ئامېرىكا ئاېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى بۈگۈن كەچ ئۆسۈم نىسبىتى قارارىنى ئېلان قىلىدۇ، گەرچە بازار ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈم قوشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن بولسىمۇ، لېكىن يىغىندىن كېيىنكى بايانات، ئەڭ يېڭى ئىقتىساد مۆلچەرى، ئۆسۈم نىسبىتى چېكىتلىك دىئاگىراممىسى، شۇنداقلا ئامېرىكا فېدېراتسىيە رەئىسى پاۋىلنىڭ مۇخپىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنى بازاردا چوڭ تەۋرىنىش پايدا قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى قاتتىق قوللۇق ئىپادىسىنى بىلدۈرسە، دوللارنىڭ قىسقا لىنيىلىك كۈچىيىشى داۋاملىششىدا ئۈمىد بار، بۇ ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. بۇ قېتىمقى ئۆسۈم نىسبىتى قارارى يۈكسەك دىققەت - ئېتىبارنى قوزغىغانلىقى سەۋەبىدىن، پۇل مۇئامىلە بازىرى قارارى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مۇقەررەر ھالدا قاتتىق داۋالغۇش پەيدا بولۇشتىن ساقلىنالمايدۇ، شۇڭا مەبلەغ سالغۇچىلار سودا قىلغاندا ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.

پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سەھەر سائەت 2:00 دە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاشكارا بازار كومىتېتى(FOMC) ئۆسۈم نىسبتى قارارى ۋە ئىقتىسادى باھالاشنى ئېلان قىلىدۇ، شۇنىڭدەك سىياسەت خاراكتېرلىك ئۆسۈم نىسبىتى، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېششى، ئىشسىزلىق نىسبىتى ۋە ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ ئەڭ يېڭى مۆلچەرىنى ئېلان قىلىدۇ. يېرىم سائەتتىن كېيىن، پاۋىل(Jerome Powell) ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.

بازار ئومۇميۈزلۈك ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 25 ئاساسىي نۇقتا ئۆسۈم قوشىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى، لېكىن مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتىقاندا، ئەڭ مۇھىم بولغىنى چېكىتلىك دىئاگىراممىسنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كۆتۈرمەسلىك مۆلچەرى، بۇ دوللارنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشىگە نىسبەتەن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ؛

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، قاتتىق قوللۇق چېكىتلىك دىئاگراممىسى دوللارنىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولىشى مۇمكىن. گەرچە يېقىنقى مەزگىلدە دوللارنىڭ مۇقىم ئۆرلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇرۇن سەۋىيەسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەنىلا تۆۋەن، ھەم يېقىنقى مەزگىلدىكى تەۋرىنىش دائىرسىدىن قۇتۇلالمىدى؛ ئەگەر ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى قاتتىق قوللۇق ئىپادىسىنى بىلدۈرسە، دوللارنىڭ چوڭ دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلىشىدە ئۈمىد بار.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.