خەلقئارالىق مۇھىم ئۇچۇرلار

parida 2018-03-21 15:35:54

\

ئىتالىيە سابىق زۇڭلىسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئوتتۇرا ئوڭ قانات ئىتتىپاقى 2018-يىللىق چوڭ سايلامدا %37 دىن ئارتۇق بېلەتكە ئېرىشىپ، چوڭ سايلامدىكى ئەڭ ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈردى؛

سىرتقى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورىيە 3-ئاينىڭ 29-كۈنى چاۋشيەن بىلەن يۇقىرى قاتلاملىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى بەرگەن؛

سىرتقى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا نۆۋەتتە سۇرىيەنىڭ شىمالىي قىسىمىدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈش كېرەكمۇ-يوق دىگەن مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىۋىتىپتۇ؛

سىرتقى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فىلىپپىننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى يول بۆلىكىدە، بىر چوڭ تىپتىكى يۇلۇچىلار ئاپتوبۇسى كېتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز كونتروللۇقىنى يوقىتىپ تاغ باغرىدىن چۈشۈپ كەتكەن، 19 كىشى قازا قىلغان، 21 كىشى يارىلانغان؛

سىرتقى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسيە بىلەن ياپونىيە شىمالىي قىسىمدىكى تۆت ئارال مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن؛ ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە-رۇسيەنىڭ مىنىستېر دەرىجىلىكلەر ئىستىراتېگىيە سۆھبەت يىغىنى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدىكەن؛

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.