ئېلىمىز تەرەققىي تاپقان كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ قاتارىغا كىردى

parida 2017-12-19 17:47:20

\

يەرشارى تورى ئاخبارات ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 2018-يىللىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا يېڭى دەۋىرگە يۈزلەنگەن جۇڭگونىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى تەسىرى قانداق؟ دۇنيا ئەھلى جۇڭگونىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئورنىغا قانداق باھا بېرىدۇ؟ دۇنيانىڭ جۇڭگوغا بولغان چۈشەنچىسىدە ئۆزگىرىش بولدىمۇ-يوق؟ دىگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» قارمىقىدىكى يەرشارى جامائەت پىكىرىنى تەكشۈرۈش مەركىزى «2017-يىلى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئوبرازى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچى دۇنيا تەكشۈرۈش دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا مەلۇم بولۇشىچە، %80 دىن يۇقىرى زىيارەتنى قۇبۇل قىلغۇچى جۇڭگو دۇنياۋى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ قاتارىغا كىرىپ بولدى ياكى كىرىۋاتىدۇ دەپ قارىغان. ئىسپانىيەنىڭ جۇڭگونى دۇنياۋى كۈچلۈك دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ۋاقتى 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە بولۇپ، يىغىۋىلىنغان كۈچكە ئىگە سۇئال قەغىزى جەمئىي 17583 پارچە بولۇپ، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن يەرشارىدىكى ئالتە قىتئەدىكى 17 دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلغان.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.