خەلقئارالىق مۇھىم ئۇچۇرلار

parida 2017-12-19 17:23:46

\

ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزو: ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە مالىيە سىياسىتىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى خامچوتقا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم؛ خامچوت ئادەم كۈچى كاپىتالى جەھەتتىكى مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛
ئېران زۇڭتۇڭى روھانىي: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ دۇنيادىكى ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرنىڭ يادرو كېلىشىمىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماسلىقى كېرەك؛
ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزو: جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى يېڭى سەۋىيىگە كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز؛ جۇڭگو-ياپونىيە-كورىيە ئۈچ دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ بالدۇرراق ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز؛
ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزو: چاۋشيەنگە قارىتا جازا يۈرگۈزۈشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلىۋاتىدۇ؛ چاۋشيەننىڭ يادرو تەھدىتىگە بويسۇنمايمىز، بۇ ئىنتايىن مۇھىم؛
خەلق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى تۇنجى پارچە دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىستىراتېگىيىلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلغان، جۇڭگو بىلەن رۇسيە ئامېرىكىنىڭ رەقىبى قىلىپ بېكىتىلگەن ھەمدە ئامېرىكىنىڭ رىقابەتنىڭ يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقى كۆرسىتىلگەن؛

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.