ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن سېلىنغان تۇرالغۇ ئۆي باھاسى ئۆستى

parida 2017-12-19 18:28:37

\

ئاسىيا مەركىزى تورى خەۋىرى: دۆلەت ئىستاتېستىكا ئىدارىسى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ 11-ئايلىق تۇرالغۇ باھاسى ئۆزگىرىش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىنىڭ يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %1.9 ئۆسكەن بولۇپ، يىل ئىچىدىكى يۇقىرى سەۋىيىنى ياراتقان.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 11-ئايدا ئۈرۈمچىنىڭ يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %1.9 ئاشقان، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %6 ئاشقان؛ نىمكەش ئۆي باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %1.8 ئاشقان، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %8.6 ئاشقان. ھازىرغىچە ئۈرۈمچىنىڭ يېڭىدىن سېلىنغان تۇرالغۇ ئۆي باھاسى ئۇدا 10 ئاي ئاشقان بولۇپ، 11-ئايدا ئېشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچىنىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرىدا تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج تەڭلا ئاشقان بولۇپ، ئۆي باھاسى ئۆرلىگەن بولسىمۇ، ئەمما تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش مىقدارىمۇ ئاشقان. ھەر ئايدا ئىمزالانغان توختام 2- ۋە 3- ئايدىكى 3000~2000 يۈرۈشتىن، ھازىرقى 5000 يۈرۈشكە كۆپەيگەن. نىمكەش ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش ئەھۋالىمۇ ئالدىنقى يىللاردىكىگە قارىغاندا ياخشى بولغان.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.