جۇڭگو ياسىمىچىلىق جەھەتتە ياۋرۇپادىكى چوڭ دۆلەتلەردىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن

parida 2017-11-09 18:32:23

\

يەرشارى تورى ئاخبارات ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: ئىسپانىيە «دۇنيا ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 11-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان «جۇڭگو ماللىرى سۈپەتسىز» دىگەن قالپاقنى چۆرۈپ تاشلاشقا تىرىشقان بولۇپ، سانائەت قۇرۇلمىسىنى قايتا تەشكىللەپ، سان دەۋرىدىن سۈپەت دەۋرىگە قەدەم قويغان. نۆۋەتتە، جۇڭگو ياسىمىچىلىقى گېرمانىيە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيەدىن ئېشىپ كېتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

\

ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە نۇرغۇن كوچىلاردا، تۇرمۇش لازىمەتلىك بۇيۇملىرىنى ساتىدىغان بىر-ئىككى جۇڭگو ئۇششاق تاۋارلار دۇكىنىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. چوڭ تىپتىكى تاللا بازارلىرىدىمۇ «جۇڭگودا ئىشلەنگەن» دىگەن تامغا بېسىلغان تاۋارلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ھېچقانچە يېڭىلىق ئىش ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى جۇڭگو ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تاۋار ۋە مۇلازىمەت ئېكسپورت دۆلىتىگە ئايلاندى.

\

\


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.