بۈگۈنكى مۇھىم ئىككى ئىش ، كۈمۈش باھاسى ئۆرلىشى مۇمكىن

ilkan_yasinjan 2017-11-09 18:28:00
بىرىنچى كۈمۈش تورى 11-ئاينىڭ9-كۈنى خەۋىرى، پەيشەنبە (11-ئاينىڭ9-كۈنى)ئاسىيا بازىرى ئېچىلىپ خەلقئارا كۈمۈش باھاسى 17 دوللار ئەتىراپىدا تەۋرىنىپ ، ئۆسۈش يۆلىنىشى ئاساس قىلدى، قىسقا مەزگىللىك ئاستا ئۆرلەش يۈزلىنىشى ساقلىدى ، نۆۋەتتە كۈمۈش باھاسى 17.06دوللار تەۋرىنىۋاتىدۇ، ئۆسۈش نىسبىتى %0.3 بولدى.

تۈنۈگۈن (11-ئاينىڭ8-كۈنى) كۈمۈش باھاسى يەنە يۇقىرىغا چىقىپ تۆۋەنگە چۈشۈش يۈزلىنىشى باشلىدى.

چۈنكى چۈنكى تىرامىپنىڭ باج ئىسلاھاتى پىلانى يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىپ ،بۇ باج - ھەق ئىسلاھاتى تەكلىپى كېچىكتۈرۈش مۇمكىن ، باج - ھەق ئىسلاھاتى يەنە بىر قېتىم ئېنىقسىز كۈچەيدى، بۇ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ بېسىمغا ئۇچراپ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى؛ ھەمدە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تېرامىپ يەنە بىر قېتىم چاۋشيەنگە قارىتا ئېلان قىلغان كەسكىن نۇتۇق سۆزى، خەۋپىتىن ساقلىنىش كەيپىياتىنى يۇقرىلىتۋەتتى، شۇكۈنى ئامېرىكا سودا بازىرىدا كۈمۈش باھاسى كۈمۈش باھاسى قايتا ئۆرلەش پۇرسىتىگە ئېرىشتى ، ھەمدە يۇقىرى باھا 17.24 دوللار ئەتىراپىدا بولدى.

\

بىراق بىر ئازدىن كېيىن قايتا چۈشۈپ ، ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق ئۆسۈش ھالىتى قايتىپ چۈشتى. دېمەك بۇنداق ھەرىكەت ئېنېرگىيىسىنى ئانچە كۈچلۈك،ئۇندىن باشقا دوللار كۆرسەتكۈچى يەنىلا ئازراق ئۆرلەش يۈزلىنىشى نامايان بولدى .

بۈگۈن ئەتىگەن (11-ئاينىڭ9-كۈنى) كۈمۈش باھاسى سەھەردە يۇقىرىغا چىقىپ تۆۋەنگە چۈشۈش قۇيرۇقىنى ئۈزدى، ئاسيا ئەتىگەنلىك بازار قايتا ئۆرلەپ ،قىسقا مەزگىللىك ئاستا ئۆرلەش يۈزلىنىشى ساقلىدى.

باج ئىسلاھاتنى مۆلچەردىكى پىلانىدىن ئارقىغا سۈرۈش

ئامېرىكا ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى نام قويۇلمىغان بىر زات نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر 11-ئاينىڭ7-كۈنى مۇنداق دېدى،ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ،كارخانىلارنىڭ بېجىنى كېمەيتىش پىلانى بىر يىل كېچىكتۈرۈپ يولغا قويۇپ ھازىر ئاساسلىق ئويلىشۋىتىپتۇ ،بۇ كېڭەش پالاتاسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن ، كېڭەش پالاتاسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن بولغان تەكلىپى بولسا ، كارخانا باج نىسبىتى 2019 - يىلى % 35 پىرسەنتتىن %20 تۆۋەنلتىغانلىقنى ، بىراق ئاۋام پالاتاسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2018 - يىلى ئەمەس .

ئانالىزچىسىنىڭ قارشىچە ،باج كېمەيتىش پىلانىنى يولغا قويۇش ئاۋراچىلققا ئۇچراپ ئارقىغا سۈرۈش ، باج - ھەق ئىسلاھاتى بەرگەن تەكلىپنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا دوللىرى پايدىسىز ،لېكىن كۈمۈش باھاسىغا پايدىلىق ،باج - ھەق ئىسلاھاتىنىڭ ئېنىقسىزلىق يەنە بىر قېتىم كۈچەيدى، بۇ دوللارغا بېسىم ئېلىپ كېلىپ ، كۈمۈشنىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولدى.

\


بۈگۈنكى كۈندە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى Axios ئاخبارات ۋادىسىغا نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى : ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى باج - ھەق ئىسلاھاتىنىڭ ئۆزگەرتىش پىلانى پەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىمايدۇ . بىراق بىر ئازدىن كېيىن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ مۇھىم رەھبىرى John Cornyn مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى پەيشەنبە كۈنى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 11:30 دە باج - ھەق ئىسلاھاتى ئۆزگەرتىش تەكلىپ ئېلان قىلىدۇ. يەنى بېيجىڭ ۋاقتى مۇشۇ ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى (11-ئاينىڭ 10-كۈنى) سەھەر00:30 دە ، كۈمۈشكە مەبلەغ سالغۇچىلار دىققەت قىلىشى كېرەك .

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانالىزچنىڭ قارشىچە ، باج ئىسلاھاتىنى كېچىكتۈرۈش بەلكىم كېلەر يىلىدىكى ئۆسۈم قوشۇش تەسىر قىلىشى مۇمكىن ، بۇ نۆۋەتتە نەق مال كۈمۈش ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولىشى مۇمكىن.

تىرامىپ كورىيەدىكى زىيارەت جەرياندا سىئول « A دەرىجىلىك ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇش بۇيرۇقى » ئېلان قىلىپ ، چاۋشيەننىڭ ئىغۋاگەرچىلىكنىڭ ئالدىنى ئالدى

تىرامىپ چارشەنبە(11-ئاينىڭ 8-كۈنى) جۇڭگوغا يېتىپ كەلدى، ھەمدە ئاسىيا زىيارىتىنىڭ ئۈچىنچى بېكىتىگە كەلدى . بۇنىڭدىن ئىلگىرى ، كورىيەدىكى ئىككى كۈنلۈك رەسمىي زىيارەتنى باشلىغان ئىدى، 6 - چېسلا كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ كورىيە ھەربىي زاتنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، زۇڭتۇڭ تىرامپ كورېيەنى زىيارەت قىلىشى ھارپىسىدا چاۋشيەن بەلكىم ھەر ۋاقىت ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشى مۇمكىن ، كورىيە - ئامېرىكا ئىككى ئارمىيە ھازىر ئاللىقاچان يۈكسەك ھۇشيار ھالەتكە ئۆتتى ،كورىيە تەرەپ 7-چېسلادىن 8-چېسلاگىچە سىئولدا كورىيە ساقچى تەرەپ« A دەرىجىلىك ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ » ئومۇميۈزلۈك ھوشيار ھالىتىدە تۇردى .

\


شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تىرامىپ كورېيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلەپ ، ئۇ چاۋشيەننى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ ئامېرىكىنى « تۆۋەن » چاغلىماسلقىنى ئاگاھلاندۇردى .

تەھلىل قىلىنىشىچە ، چاۋشيەننىڭ كەلگۈسىدە تىرامپنىڭ كورېيەنى زىيارەت قىلىشى مەزگىلىدە چاۋشيەن مەسىلىسى ھەققىدە قارارىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ ئىپادە بىلدۈرۈشى مۇمكىن . جۇغراپىيلىك سىياسىينىڭ خەۋپ - خەتىرى كۈچىسە ، نەق مال كۈمۈش خەۋىپ - خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتى جانلىنىپ، ئۆرلەشتىن ئۈمىد بار .


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.