19-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يىراق كەلگۈسى نىشانى ئوتتۇرغا قويۇلدى

parida 2017-10-20 17:11:32

\

يەرشارى تورى ئاخبارات ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: ئىسپانىيەنىڭ كاتالۇنا رايونىدىكى مۇستەقىللىق دۇلقۇنى پۈتۈن دۇنيا پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا زور داۋالغۇش پەيدا قىلغان پەيتتە، جۇڭگونىڭ ساغلام ۋە مۇقىم ئاشقان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى سانلىق مەلۇماتى خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە بازىرىغا نىسبەتەن زور تەسەللىي بولدى. 10-ئاينىڭ 19-كۈنى دۆلەت ئىستاتېستىكا ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنىشىچە، جۇڭگونىڭ 3-پەسىللىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.8 ئاشقان، بۇ يىل ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9 ئاشقان، بازارنىڭ كۆزلىگەن نىشانىغا يەتكەن.
سىرتقى تاراتقۇلار جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتىغا كۆڭۈل بۆلگەندىن باشقا يەنە، چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان 19-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان «جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانى»غا ئالاھىدە دىققەت قىلدى.
ياپونىيە «كۈندىلىك خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ج ك پ 19-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، جۇڭگونىڭ «دۇنيادىكى ئىقتىسادىي كۈچلۈك دۆلەت»كە ئايلىنىش نىشانى ئېنىق ئىپادىلەنگەن، جۇڭگونىڭ كېيىنكى سىياسەت يۆنىلىشىمۇ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە زور تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
ئاۋسترالىيە «مالىيە-ئىقتىساد ئوبزورى» تور بېكىتىنىڭ 19-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 19-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، 2050-يىلىغىچە بولغان جۇڭگونىڭ يىراق كەلگۈسى ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانى ئوتتۇرغا قويۇلغان. 2050-يىلىغىچە، جۇڭگو تىرىشىپ «زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت» كە ئايلىنىدىكەن، دۇنيا بانكىلىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە كەلگۈسى 35 يىلدا، جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئاز بولغاندىمۇ يىلىغا %4.9 لىك سۈرئەت بىلەن ئاشۇرۇلىدىكەن. يولداش شى جىنپىڭ يەنە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، كىرىمنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى، داۋالىنىش ۋە ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.