شىنجاڭدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھىرلىنىش سىياسىتى ئوتتۇرغا چىقتى

parida 2017-10-20 17:59:14

\

ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: يېقىندا، ئۈرۈمچى يېڭى يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى چىقاردى. ئېگىلىنىشىچە، بۇ سىياسەتنى چىقىرىشتىكى ئاساسىي مەقسەت-ئۈرۈمچى يېڭى يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) نىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى ۋە ئىنېرگىيىسىنى يىتىلدۈرۈپ، يېڭى-كونا ھەرىكەت ئىنېرگىيىسىنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىپ، سانائەت ئىقتىسادىي تىپىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەن.

\

ئىقتىسادتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش دىگەنلىك-ئېشىنچا مەبلىغى بار ئورۇنلار ۋە شەخسلەر ئالاقە تورى قاتارلىق زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى ئارقىلىق، باشقىلارغا بايلىقنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەمدە تېگىشلىك ھەققە ئېرىشىش، بەھرىمەن بولغۇچى باشقىلارنىڭ ئېشىنچا مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ قىممەت يارىتىشنى كۆرسىتىدۇ. نۆۋەتتە ئىقتىسادتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش-ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا، كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى.

«يېڭى يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) نىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىرى»-شىنجاڭ بويىچە تۇنجى قېتىملىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتى بولۇپ، 2017-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىشتا مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.
«يېڭى يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) نىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىرى» مەزكۇر رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، «5|+5+16» سېتىمىسىنى قۇرۇپ چىقىش يەنى، كىيىم-كېچەك، يىمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق 16 تۈرلۈك ساھەدە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا يىتەكلەش؛ بەش تايانچ سېستىمىسى ۋە بەش تۈرلۈك مېخانىزىمنى قۇرۇپ چىقىش قاتارلىق مەزمونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

\

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.