ھازىرقى 1 مىليون يۈەن 10 يىلدىن كېيىن قانچە پۇلغا باراۋەر؟

parida 2017-10-20 16:31:40

\

ھازىرقى 1 مىليون يۈەن 10 يىلدىن كېيىن ھازىرقى قانچە يۈەنگە تەڭ؟ 20 يىلدىن كېيىنچۇ؟ تۆۋەندىكى ئىلمىي ھېسابلاشلار ئارقىلىق بەلكىم يەكۈن چىقىرالىشىمىز مۇمكىن! مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتى خىزمەتچىلەرنىڭ پۇلىنى قۇرۇقداپ قويماقتا. نوپۇزلۇق ئىلىم-پەن تەتقىقات دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئەينى يىللاردىكى 10 مىڭ يۈەن ھازىرقى 2 مىليون 550 مىڭ يۈەنگە باراۋەركەن.

\

-1980يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان 36 يىلدا، جۇڭگونىڭ كەڭ مەنىدىكى پۇل بىلەن تەمىنلەش يىلىغا %22.45 ئاشتى، جۇڭگودىكى ھەقىقىي پۇل پاخاللىق نىسبىتى %11.9، ئەگەر مۇشۇ سان بويىچە ھېسابلىساق بىز ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن ھازىرقى 1 مىليون يۈەننىڭ 10 يىلدىن ۋە 20 يىلدىن كېيىن ھازىرقى قانچە پۇلغا تەڭ ئىكەنلىكىنى تەخمىنەن ھېسابلاپ چىقالايمىز.
جۇڭگو خەلق بانكىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 1997-يىلىدىن بۇيان جۇڭگونىڭ كەڭ مەنىدىكى پۇل بىلەن تەمىنلەشنىڭ يىللىق ئۆسۈش نىسبىتى تەخمىنەن %16.9، جۇڭگونىڭ ھەقىقىي يىللىق پۇل پاخاللىق نىسبىتىنىڭ تەخمىنەن %7.3 بولغانلىقى ھېسابلاپ چىقىلغان؛ 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان جۇڭگونىڭ كەڭ مەنىدىكى پۇل بىلەن تەمىنلەش يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى تەخمىنەن %13.9، جۇڭگونىڭ ھەقىقىي يىللىق پۇل پاخاللىق نىسبىتىنىڭ تەخمىنەن %6.3 بولغانلىقى ھېسابلاپ چىقىلغان، مۇشۇ سانلارغا ئاساسەن بىر ھازىرقى 1 مىليون يۈەننىڭ 10 يىلدىن ۋە 20 يىلدىن كېيىن ئايرىم ھالدا ھازىرقى قانچە پۇلغا باراۋەر ئىكەنلىكىنى ھېسابلاپ چىقساق بولىدۇ.
مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ سان بىلەن ئۈستىدىكى سانلارنىڭ پەرقى ئانچە چوڭ ئەمەس، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ بىر ئۆتكۈنچى مەزگىلنىڭكىنى ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ، بۇ خىل پۇل پاخاللىقى ئۇدا داۋاملاشسا خەلق يەنىلا كۆتۈرەلمەيدۇ. ئەينى يىللاردىكى 10 مىڭ يۈەنلىك ئائىلىلەر ھازىر نەدىمۇ زەردار بولسۇن، ھازىر 50 مىڭ يۈەن، 400 مىڭ يۈەن پۇلى بارلار زەردار ھېسابلىنامدۇ؟ مېنىڭچە ئاز دېگەندىمۇ 1 مىليون پۇل بولۇش كېرەك، ھازىرقى 1 مىليون يۈەن مۆلچىرىمىزچە ئەينى ۋاقىتتىكى 100 مىليون يۈەنگە باراۋەر بولسا كېرەك.

\

70-80-يىللاردىكى پۇلنىڭ ئەڭ كۈچى بولسا كېرەك
گۈرۈچ: 70-80-يىللاردا بىر جىڭى 0.12 يۈەن، ھازىر بىر جىڭى 4.4 يۈەن، باھاسى 30 يىل ئىلگىرىكىنىڭ 36.66 ھەسسىسى.

\

يېسۋىلەك: 70-80-يىللاردا بىر جىڭى 0.02 يۈەن، ھازىر بىر جىڭى 1.8 يۈەن، باھاسى 30 يىل ئىلگىرىكىنىڭ 90 ھەسسىسى.

\

بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى تەربىيلەپ چىقىش: 70-80-يىللاردا باشلانغۇچتىن ئالىي مەكتەپكىچە بولغان ئوقۇش خىراجىتى 140 يۈەن، ھازىر باشلانغۇچتىن ئالىي مەكتەپكىچە بولغان ئوقۇش خىراجىتى تەخمىنەن 150 مىڭ يۈەن، باھاسى 30 يىل ئىلگىرىكىنىڭ 1071 ھەسسىسى.

\

كېسەل كۆرسىتىش خىراجىتى: 70-80-يىللاردا تەخمىنەن 0.98 يۈەن، ھازىر ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 90 يۈەن، باھاسى 30 يىل ئىلگىرىكىنىڭ 91.8 ھەسسىسى.

\

ئۆي باھاسى: 70-80-يىللاردا كۆلىمى 100 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆينىڭ ئايلىق ئىجارىسى 12 يۈەن، ھازىر كۆلىمى 100 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆينىڭ ئايلىق ئىجارىسى ئاز دېگەندىمۇ 2500 يۈەن، باھاسى 30 يىل ئىلگىرىكىنىڭ 2083 ھەسسىسى.

\

يۇقىرى سۈرئەتلىك يول: 70-80-يىللاردا 0 كىلومېتىر، ھازىر 100 مىڭ كىلومېتىر، سېلىشتۇرغىسىز دەرىجىدە ئاشتى ھەم داۋاملىق ئېشىۋاتىدۇ.

\

خۇرۇم ئاياغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۆمرى: 70-80-يىللاردا بىر جۈپ خۇرۇم ئاياغنى ئاز دېگەندىمۇ 5 يىل كىيەتتۇق، ھازىر بەك بولسا ئاران بىر يىل كىيىمىز، ئىشلىتىلىش ئۆمرى 5 ھەسسە تۆۋەنلىدى.
يۇقاردا سۆزلەپ ئۆتكەندەك ھازىر بىر مىليون يۈەننىڭ 10 يىلدىن كېيىن زادى قانچە پۇلغا باراۋەرلىكىنى ئېنىق بىرنىم دېگىلى بولمايدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە نۇر تورىدىن ئېلىندى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.