خەلق پۇلى بىلەن دوللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشىدىكى سەۋەب نىمە؟

parida 2017-08-11 16:20:37

\

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خەلق پۇلى بىلەن دوللارنىڭ پېرۋوت نىسبىتى بىردىنلا 6.66 نۇقتىدىن ئۆرلىگەن. 8-ئاينىڭ 10-كۈنى، جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خەلق پۇلى بىلەن دوللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئارىلىق باھاسى 6.677 بولغان، 305 ئاساسىي نۇقتا ئۆرلىگەن، 9 ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى سەۋىيىنى ياراتقان؛ قىرغاق خەلق پۇلى بىلەن دوللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى بىردىنلا 6.66 نۇقتىنى بۇزۇپ تاشلىغان، بۇ يىلدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن؛ ئۇنداقتا خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشىدىكى سەۋەب نىمە؟ خەلق پۇلى كۆرسەتكۈچى كەلگۈسىدە داۋاملىق ئۆرلەمدۇ؟ تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى خەلقئارا كىرىم-چىقىم بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ چۈنيىڭنىڭ قارىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا ھالقىغان مەبلەغ ئوبوروتى ۋەزىيىتى مۇقىم ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن بولۇپ، تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىكى تەمىنلەش-تەلەپ يۆنىلىشى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشقان، يەنى يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان ئەڭ ياخشى تەڭپۇڭلۇق ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. كەلگۈسىدە، دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا ھالقىغان مەبلەغ ئوبوروتىنىڭ ئاساسى ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ؛ تەمىنلەش جەھەتتە قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ، تەرەققىيات ئىستىراتېگىيىسى جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىش ھەمدە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىدىكى ئاكتىپ ئۆزگىرىشلەر داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.