ئامېرىكىنىڭ 7-ئايلىق PPI كۆرسەتكۈچى 11 ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۆۋەنلىدى

parida 2017-08-11 16:59:02

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى (8-ئاينىڭ 10-كۈنى) ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 7-ئايلىق PPI (ئىشلەپچىقارغۇچىلار مال باھا كۆرسەتكۈچى) كۆرسەتكۈچىنىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتى %0.1 يەنى 2016-يىلى 8-ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىقتىسادشۇناسلار ئامېرىكىنىڭ 7-ئايلىق PPI كۆرسەتكۈچىنىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتى %0.1 ئاشىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ 7-ئايلىق PPI كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.9 ئۆرلىگەن، مۆلچەردىكى %2.2 دىن ئازىراق تۆۋەن بولغان.
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ ئامېرىكا 7-ئايلىق PPI كۆرسەتكۈچىگە باھا بېرىشىچە، 7-ئايلىق PPI ئايلىق نىسبىتى كۈتۈلمىگەندە 11 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ تۆۋەنلەش نىسبىتىنى ياراتقان، بۇ ئاساسلىقى مۇلازىمەت كەسپى ۋە ئېنىرگىيە مەھسۇلاتلىرى تەننەرخ باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن بولغان. PPI ۋە CPI كۆرسەتكۈچلىرى ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىش تېخىمۇ ئاجىزلاشقان بولسىمۇ، ئەمما PPI سانلىق مەلۇماتىنىڭ تۆۋەنلىشى يەنىلا ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ سىياسەت بەلگىلىگۈچىلىرىنى پۇل پاخاللىقى جەھەتتە ئەندىشىگە سالىدۇ، بۇ ئاخىرىدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ يىل ئىچىدە كېيىنكى قېتىم ئۆسۈم قوشۇشىنى 12-ئايغا كېچىكتۈرىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.