خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىشى پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا قاتتىق داۋالغۇش پەيدا قىلدى

parida 2017-08-11 15:48:36

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا نەق ئالتۇن باھاسى پەيشەنبە كۈنى (8-ئاينىڭ 10-كۈنى) داۋاملىق ئۆرلىدى، ئامېرىكا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1287.73 دوللارغا چىقتى، ئىككى ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى باھا ۋە 6-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن بۇيانقى يۇقىرى سەۋىيىگە چىقتى. پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا بىلەن چاۋشىيەن ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇش يەنىمۇ كۈچىيىپ، پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا قاتتىق داۋالغۇش بولدى، ئامېرىكىدىكى ئۈچ چوڭ پاي كۆرسەتكۈچى قاتتىق تۆۋەنلىدى، «ۋەھىمە كۆرسەتكۈچى» VIX %30 يۇقىرىلىدى، 5-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن بۇيان ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە چىقتى. ئاسىيا-ياۋرۇپا پايچەك بازىرى پەيشەنبە كۈنى پۈتۈن لېنىيىلىك تۆۋەنلىدى. شياڭگاڭ پايچېكى بىردىنلا 450 نۇقتا تۆۋەنلەپ 9 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ چۈشۈش نىسبىتىنى ياراتتى. كورىيە ۋە شاڭخەي پاي كۆرسەتكۈچى ۋە پاي بازىرى %1 تۆۋەنلىدى. ياۋرۇپا پايچەك بازىرى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىدى. MSCI يەرشارى كۆرسەتكۈچى(MSCI All-Country World Index) %0.2 تۆۋەنلەپ، ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشتى. مەبلەغ سالغۇچىلار تەلۋىلەرچە ئالتۇنغا مەبلەغ سالدى. يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا سانلىق مەلۇماتى نىسبەتەن ئاجىز بولغاچقا، ئامېرىكىنىڭ 7-ئايلىق PPI سېلىشتۇرما نىسبىتى 11 ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم %0.2 تۆۋەنلىدى، بۇ يېقىنقى بىر يىلدىن بېرى پۇل پاخاللىقىنىڭ ئاستا بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ 8-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە شۇ ھەپتىلىك دەسلەپكى ئىشسىزلىق پۇلى سانى 244 مىڭ كىشى بولۇپ، ئالدىنقى قىممەت ۋە مۆلچەردىكىدىن يۇقىرى بولدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.