ئالتۇن باھاسى 1300 دوللارلىق ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلىشى مۇمكىن

parida 2017-08-11 14:52:34

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا نەق ئالتۇن باھاسى جۈمە كۈنى (8-ئاينىڭ 11-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا دەسلەپتە ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى يۇقىرى باھا 1289 دوللارغا چىقتى، ئارقىدىن يەنە ئاز نىسبەتتە تۆۋەنلەپ 1285 دوللارغا يېقىنلاشتى. پەيشەنبە كۈنى (8-ئاينىڭ 10-كۈنى) ئالتۇن باھاسى ئۇدا 3-كۈنىگىچە ئۆرلىدى، ئامېرىكا بىلەن چاۋشىيەن ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلىشىشى بىلەن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خەۋپ-خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا PPI سانلىق مەلۇماتىنىڭ نەتىجىسى ياخشى بولمىغاچقا، بۇ ئامېرىكا دوللىرىغا زەربە بولۇپ دوللار كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلىدى، نۆۋەتتە تەھلىلچىلەر ئالتۇن باھاسى 1300 دوللارلىق ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشماقتا. باشقا قىممەتلىك مېتاللاردىن، نەق كۈمۈش باھاسى پەيشەنبە كۈنى %1.15 ئۆرلىدى، 17.08 دوللارغا چىقتى، سودا داۋامىدا 200 كۈنلۈك ئوتتۇرىچە سىزىققا چىقىپ، 6-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن بۇيانقى يۇقىرى باھا 17.24 دوللارغا چىقتى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، جۈمە كۈنى ئامېرىكا مۇھىم بولغان CPI سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىدۇ، بازار سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىگە ھەمدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ كېيىنكى ھەرىكەت يۆنىلىشىگە دىققەت قىلماقتا.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.