خەلقئارالىق مۇھىم ئۇچۇرلار

parida 2018-04-19 15:56:46

\

فرانسىيە ئىقتىساد مىنىستىرى: يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان سودا ئۇرۇشى ئىقتىساد دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ خەۋپ-خەتەر ھېسابلىنىدۇ؛ ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ تەدرىجىي ئۆسۈم قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز؛ ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشى ئېنىق ئەمەس؛

كورىيە زۇڭتۇڭى مون جائىن: چاۋشيەن-كورىيە ئىككى دۆلەتنىڭ يادروسىزلاشتۇرۇشنىڭ ئېنىقلىمىسىغا نىسبەتەن قارىشى بىردەك؛ چاۋشيەن ئامېرىكىنىڭ كورىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشىنى تەلەپ قىلمايدۇ؛ چاۋشيەن بىلەن پىرىنسىپقا ئۇيغۇن كېلىدىغان كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۇنچىۋالا قېيىن ئەمەس، ئەمما كېلىشىمنى يولغا قويۇش بىرقەدەر تەس؛ چاۋشيەن بىلەن كورىيە ئەڭ ئاخىرىدا ئۇرۇش توختىتىشنى جاكارلىشى كېرەك؛

ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلارغا مەسئۇل ئەمەلدارى: سودا قورۇقچىلىقى بۇ يىل يەنىلا ياۋرۇپا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە دۇچ كېلىدىغان ئەڭ ئاساسلىق خەۋپ-خەتەر ھېسابلىنىدۇ؛ ئامېرىكىنىڭ سودا نىزالىرىنى بىرتەرەپ قىلىشتا سۇغاققان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز؛

ھىندىستان زۇڭلىسى مودى: رۇسيە ئامېرىكىنىڭ يېڭى جازا يۈرگۈزۈشى جەريانىدا ئىگىلىك ھوقۇق ئىناۋىتىنى قايتۇرۇپ كېلەلەيدۇ، ئەمما قىسمەن زايوم تارقاتقۇچىلار تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن؛ رۇسيەنىڭ كۈچلۈك بولغان ئاممىۋى ۋە تاشقى پۇل-مۇئامىلە شارائىتى رۇسيەنى ئامېرىكىنىڭ يېڭى جازا يۈرگۈزۈشىنىڭ تەسىرىدىن قوغداپ قالالايدۇ؛ رۇسيە مەركىزىي ھۆكۈمىتى جازا يۈرگۈزۈشنى تەسىرىگە ئۇچراپ مالىيە كىرىمى تۆۋەنلىگەن رايونلارغا ياردەم بېرىشى مۇمكىن؛

يەرشارى تورى خەۋىرى: چاۋشيەن-كورىيە باشلىقلار ئۇچرىشىش يىغىنى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى پانمونجومنىڭ كورىيە تەۋەلىكىدىكى «تىنچلىق ئائىلىسى» دە ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىغىندا «چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى»نى «تىنىچلىق كېلىشىمى»گە ئايلاندۇرۇش لايىھەسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ؛

يەرشارى تورى خەۋىرى: شۇ جاي ۋاقتى 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى، فرانسىيەنىڭ غەربىي جەنۇب قىسىمىغا جايلاشقان تۇلۇس شەھىرىدە يەنە قالايمىقانچىلىق يۈز بەردى، 29 ماشىنا كۆيدۈرۋېتىلدى، بەش كىشى قولغا ئېلىندى؛

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.