ھاياتلىق ئۈستىدە ئويلاندۇرىدىغان ھېكايىلەر

parida 2018-04-19 16:03:37

\

1. بىرەيلەن دېھقاندىن سورىدى: «بۇغداي تېرىدىڭمۇ؟»
دېھقان: «ياق، يامغۇر ياغماسلىقىدىن ئەنسىرەيمەن.»
ئۇ ئادەم سورىدى: «ئۇنداقتا كېۋەز تېرىدىڭمۇ؟»
دېھقان: «ياق، كېۋەزلەرنى قۇرۇت يەپ كېتىشتىن ئەنسىرەيمەن.»
ئۇ يەنە ئادەم سورىدى: «ئۇنداقتا نېمە تېرىدىڭ؟»
دېھقان: «ھېچنىمە تېرىمىدىم، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشىم كېرەك.»
تەسىرات: بەدەل تۆلەشنى خالىمايدىغان، خېيىم-خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشنى خالىمايدىغان بىر ئادەمنىڭ ھېچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالماسلىقى تولىمۇ تەبئىي ئىش.

\

2. ئىككى ئات بىردىن يۈك ھارۋىسىنى سۆرەپ ماڭدى، بىر ئاتنىڭ مېڭىشى تېز، يەنە بىر ئاتنىڭ مېڭىشى ئاستا. شۇنىڭ بىلەن ئىگىسى كەينىدىكى ھارۋىغا بېسىلغان يۈكنىڭ ھەممىسىنى ئالدىدىكى تېز ماڭىدىغان ئات قېتىلغان ھارۋىغا يۆتكىدى. كەينىدىكى ئات مازاق قىلىپ كۈلۈپ: «قانچە تىرىشساڭ شۇنچە قىينىلىسەن» دېدى. كىم بىلسۇن، كېيىن غوجايىن «بىر ئاتمۇ ھارۋىنى سۆرىيەلەيدىكەن، ئىككى ئاتنى بېقىپ نېمە قىلاي» دەپ ئويلاپ، ھورۇن ئاتنى سويۇپ يەۋەتتى. مانا بۇ ئىقتىساد ئىلمىدىكى ھورۇن ئات ئۈنۈمى.
تەسىرات: باشقىلار سىزنىڭ بولسىڭىزمۇ ياكى بولمىسىڭىزمۇ بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ۋاقتى، دەل سىزنىڭ بىر تېپىك بىلەن ھەيدىلىدىغان ۋاقتىڭىزنىڭ كېلىپ قالغانلىقى خالاس.

\

3. كەچلىك بازاردا ئىككى يايما ئورنى بار، ئۇلار ئۆزئارا قوشنا، ئورنىمۇ ئوخشاش، بىر يىلدىن كېيىن A يايما ئىگىسى پۇل تېپىپ ئۆي سېتىۋالدى، B يايما ئىگىسىنىڭ يەنىلا ئۆي سېتىۋېلىشقا قۇربىتى يەتمىدى. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ ئەسلىدە B يايمىنىڭ سودىسى ئىنتايىن ياخشى بولسىمۇ، لېكىن ئەمدىلا پىشقان چۆپ ئىنتايىن قىززىق بولغاچقا خېرىدارلار 15 مىنۇتتا ئاران بىر قاچا چۆپنى يەپ بولاتتى، لېكىن ئا يايمىنىڭ ئىگىسى ھېلىلا پىشقان چۆپنى سوغۇق سۇغا 30 سېكۇنت چىلاپ قويۇپ ئاندىن خېرىدارغا بېرىدىغان بولۇپ، چۆپنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئىنتايىن مۇۋاپىق ئىدى.
تەسىرات: باشقىلار ئۈچۈن ئويلاپ، خېرىدارلارنىڭ ۋاقتىنى تېجىگەندە، مۇۋەپپەقىيەت سىزدىن ئانچە يىراق ئەمەس.

\

4. بىر راھىب بىر چاياننىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئىچى ئاغرىپ ئۇنى قۇتقۇزۇۋالماقچى بولدى، كىم بىلسۇن، ئۇ چاياننى شۇنداق تۇتۇشىغىلا چايان ئۇنىڭ بارمىقىنى چېقىۋالدى، لېكىن راھىب بۇنىڭدىن قورقۇپ قالماي يەنە قولىنى سوزۇپ چاياننى قۇتقۇزماقچى بولدى، بۇ قېتىم چايان ئۇنىڭ بارمىقىنى تېخىمۇ قاتتىق چېقىۋالدى. ئۇنىڭ يېنىدىكى ئادەم مۇنداق دېدى: «چايان سېنى توختىماي چېقىۋاتسا، يەنە نېمىشقا ئۇنى قۇتقۇزىسەن.» راھىب مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى: «ئادەم چېقىش چاياننىڭ تەبىئىتى. ئاقكۆڭۈللۈك مېنىڭ تەبىئىتىم، نېمىشقا ئۇنىڭ تەبىئىتى ئۈچۈن ئۆزەمنىڭ تەبىئىتىدىن ۋاز كەچكىدەكمەن.»
تەسىرات: بىزنىڭ خاتالىقىمىز شۇكى، تاشقى دۇنيا بىزنى زىيادە ئۆزگەرتىۋەتكەن.

\

5. بىرسىنىڭ باھاسى 9000 يۈەنلىك كومپيۇتېرغا كۆزى چۈشتى، ئۇنىڭ ئايلىق كىرىمى ئاران 2000 يۈەن، ئايالى ئۇنىڭغا «ساراڭ بوپسەن، كومپيۇتېرنى سېتىۋالساڭ ئاجرىشىمەن» دېدى. ئۇ مەندىن قانداق قىلسام بولار؟ دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭغا «سەن ئۇ كومپيۇتېرغا ماس كەلمەيدىكەنسەن، ھەتتا ئۆزەڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىگىمۇ ئېرىشىشكە جۈرئەت قىلالمىساڭ، كېيىن جەمئىيەتتە قانداق پۇت تىرەپ تۇرالايسەن، ئەڭ ياخشىسى چىشىڭنى چىشلەپ سېتىۋال» دېدىم.
قەرز قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۇ توختىماستىن قوشۇمچە ئىشلارنى قىلدى، ئاخىرى ئۇ بىر ئاي ئىچىدە قالغان بارلىق پۇللارنى قايتۇرۇپ بولدى، ئايالىمۇ ئۇنىڭ بۇ ئىشى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئاجراشمىدى. ئايالى ئۇنى ماشىنا بازىرىغا باشلاپ بېرىپ «دادىسى، بىز قەرز قىلىپ بۇ BMW ماشىنىنى سېتىۋالايلىچۇ» دېدى، ئۇ باشتا ئايالىم ساراڭ بولغان ئوخشايدۇ دەپ چۆچۈپ كەتتى. بىر يىلدىن كېيىن BMW نىڭ قەرزلىرىنى قايتۇرۇپ بولدى.
تەسىرات: ئەگەر سىزدە ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان نەرسە ياكى ئادەملەرگە ئېرىشىشنى قوغلىشىدىغان جۈرئەت بولمىسا، ئۇنداقتا سىز چوقۇم بىر مەغلۇبىيەتچى.

\

6. ئۈچ ئادەم سەپەرگە چىقتى، بىرسى كۈنلۈك، بىرسى ھاسا ئېلىۋالغان، يەنە بىرسى قۇرۇق قول. قايتىپ كەلگەندە كۈنلۈك ئېلىۋالغىنىنىڭ ئۈستى-بېشى ھۆل بولۇپ كەتتى، ھاسا ئېلىۋالغىنى يىقىلىپ يارىلاندى، ئۈچىنچىسىگە ھېچ ئىش بولمىدى. ئەسلىدە، يامغۇر ياغقاندا كۈنلۈك ئېلىۋالغان ئادەم خاتىرجەم مېڭىۋەرگەنلىكتىن ئۈستى-بېشى ھۆل بولۇپ كەتكەن، ھاسا ئېلىۋالغىنى پاتقاق يولدا ھاسىسىغا ئىشىنىپ ئېھتىيات قىلمىغانلىقتىن يىقىلىپ يارىلانغان، لېكىن قۇرۇق قول سەپەرگە چىققىنى يامغۇر ياغقاندا دالدىغا كىرىۋېلىپ، پاتقاق يولدا ئاۋايلاپ ماڭغانلىقتىن ئەكسىچە ھېچنىمە بولمىغان.
تەسىرات: كۆپىنچە ھاللاردا بىز كەمچىلىكىمىز سەۋەبىدىن ئەمەس بەلكى ئارتۇقچىلىقىمىز سەۋەبىدىن مەغلۇپ بولىمىز.

\

7. بىر كىچىك بازاردا بىر سودىگەر ماي قاچىلاش پونكىتى ئاچتى، تىجارىتى ئىنتايىن ياخشى ئىدى، ئىككىنچى بىرسى كېلىپ ئاشخانا ئاچتى، ئۈچىنچىسى كېلىپ تاللا بازىرى ئاچتى، بۇ يەر شۇنداق قىلىپ تېزلا ئاۋاتلاشتى. يەنە بىر كىچىك بازاردا، بىر سودىگەر كېلىپ ماي قاچىلاش پونكىتى ئاچتى، ئۇنىڭمۇ سودىسى ئالاھىدە ياخشى ئىدى، ئىككىنچى بىرسى كېلىپمۇ ماي قاچىلاش پونكىتى ئاچتى، ئاندىن ئۈچىنچىسى، تۆتىنچىسىمۇ كېلىپ ماي قاچىلاش پونكىتى ئاچتى، شۇنىڭ بىلەن يامان سۈپەتلىك رىقابەت سەۋەبىدىن ھەممىسىنىڭ سودىسى ئۆلۈپ، جېدەل-ماجىرا ئۈزۈلمەس بولدى.
تەسىرات: ھەمىشە باشقىلارنىڭ يولىدا مېڭىش ئۆز يولىنى ئېتىۋەتكەن بىلەن باراۋەر.

\

8. بىر قاغا ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ ئۆيىگە قايتقان كەپتەرنى ئۇچرىتىپ قالدى. كەپتەر ئۇنىڭدىن «نەگە كېتىۋاتىسەن» دەپ سورىدىغاندا قاغا: «ئەمەلىيەتتە مېنىڭ كەتكۈم يوق، لېكىن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى مېنى يېقىمسىز سايرايدىكەنسەن دېيىشىۋاتىدۇ، شۇڭا كېتەي دېدىم.» دېدى. كەپتەر قاغىغا مۇنداق دېدى: «كۈچۈڭنىڭ خوراتما، ئەگەر ئاۋازىڭنى ئۆزگەرتمىسەڭ، نەگە بارساڭمۇ قارشى ئېلىنمايسەن.»
تەسىرات: ئەگەر سىز ھەممە نەرسىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز، ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاڭ.

\

9. بىر ئائىلىلىكنىڭ ئۈچ ئوغلى بار، ئۇلار كىچىكىدىن باشلاپلا ئاتا-ئانىسىنىڭ تۈگىمەس جېدەل-ماجىرالىرى ئىچىدە چوڭ بولغان، ئانىسى دائىم ئاتىسىدىن تاياق يەپ بەدەنلىرى تىتما-تىتما بولۇپ كېتەتتى. ئوغۇللارنىڭ چوڭى مۇنداق ئويلىدى: ئانامغا بەكلا ئىچىم ئاغرىيدۇ، كېيىن ئايالىمغا چوقۇم ياخشى مۇئامىلە قىلىمەن. ئوغۇللارنىڭ ئىككىنچىسى مۇنداق ئويلىدى: توي قىلغاننىڭ ئەھمىيىتى يوقكەن، چوڭ بولسام چوقۇم توي قىلمايمەن. ئوغۇللارنىڭ ئۈچىنچىسى مۇنداق ئويلىدى: ئەسلىدە ئەر دېگەن ئايالىنى مۇنداق ئۇرىدىكەن ئەمەسمۇ.
تەسىرات: گەرچە مۇھىت ئوخشاش بولسىمۇ تەپەككۇر شەكلى ئوخشاش ئەمەس، تەپەككۇر شەكلىمۇ كىشلىك ھاياتقا ئوخشىمىغان تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە نۇر تورىدىن ئېلىندى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.