كەلگۈسىدە كۈمۈش باھاسىنىڭ 30% ئۆرلىشىدە ئۈمىد بار

rabigul 2018-04-19 15:46:30

\

داڭلىق پۇل مۇئامىلە تېخنىكا شىركىتىGoldmoney مۇنۇلارنى بىلدۈردى، گەرچە چارشەنبە كۈنى كۈمۈش باھاسى چوڭ دائىرىدە ئۆرلىگەن بولسىمۇ، يەنىلا بەك تۆۋەن مۆلچەرلىنىۋاتىدۇ. لېكىن بۇ خىل ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش يۈز بەرسە، كۈمۈش باھاسى چۈشتىن كېيىنكى بازاردا 30% تىن ئارتۇق ئۆرلىشىدە ئۈمىد بار.

Goldmoney نىڭ مۇئاۋىن باش لىدىرى قوشۇمچە باش تەتقىقاتچىسى Stefan Wieler چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بىر پارچە دوكلاتىدا مۇنداق دېدى، " كۈمۈش باھاسى بىز مۆلچەرلىگەن باھاغا سېلىشتۇرغاندا 25% كە يېقىن تۆۋەنلىدى، بۇ 25 يىلدىن بۇيان بىز كۆرگەن ئەڭ چوڭ تۆۋەنلەش پەرقى."

دوكلاتىدا يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، بۇنداق چوڭ پەرق بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، قەرەللىك مال بازىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە چۈشۈپ كېتىش ھەرىكىتى، بۇ خىل ئەھۋال ئۇزاق داۋام قىلمايدۇ، ئەمما زور نىسبەتتە تەتۈر ئايلىنىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

Wieler نى تىلغا ئالساق، ئۆتكەن 12 ئاي ئىچىدە، ھايانكەشلەر قەرەللىك مال بازىرىدا 600 مىليون ئۈنسىيەدىن كۆپرەك كۈمۈشنى سېتىپ چىقاردى. كۈمۈشنىڭ بۇ خىل تۆۋەنلەش بېسىمىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن، ھايانكەشلەر داۋاملىق ھەر يىلى 500 مىليون ئۇنسىيە قەغەز كۈمۈش سېتىپ چىقىرىشى زۆرۈر. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، بۇ خىل تەتۈر ئايلىنىش كۈمۈش باھاسىنىڭ 30% تىن يۇقىرى ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن."

دوكلاتتا تولۇقلاپ مۇنداق دېدى، گەرچە ساپ تۆكمە قىلىپ سېتىش كۆلىمى ئازراق تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، يەنە كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

Wieler چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى، تېخىمۇ تەڭپۇڭ ھالەتتىكى ھايانكەشلىك بازىرىدا، سېتىش ستېۋىلىش سودىسى مەبلەغ ئېقىمى ئۆز ئارا بىكار قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ، ئەگەر كۈمۈش باھاسى مۆلچەردىكى 21 دوللار ھالىتىگە قايتىپ قالسا، نۆۋەتتىكى سەۋىيىسىدىن 30% يۇقىرى ئۆرلەيدۇ.

Wieler مۇنۇلارنى بىلدۈردى، كۈمۈشنىڭ ئاساسلىق قوزغاتقۇچى ئامىلى پۇل ئېھتىياجى ۋە سانائەتنىڭ تەمىنلەش ۋە ئېھتىياجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ ھەپتە ھازىرغا قەدەر، كۈمۈش باھاسىنىڭ ئىپادىسى خېلى يامان ئەمەس بولۇپ، ئىككى يېرىم ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى شەكىللەندۈردى.

Wyckoff تولۇقلاپ مۇنداق دېدى، بازارنىڭ خەۋپ - خەتەر كەيپىياتى قايتا ئۆرلىگەن ئەھۋال ئاستىدا، كۈمۈش ئىپادىسىمۇ ياخشى بولىشى مۇمكىن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.