ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسى كەڭرى پۇل سىياسىتىدىن چېكىنىپ چىقىشى مۇمكىن

parida 2018-04-19 13:38:34

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: Barclays كاپىتالى چارشەنبە كۈنى (4-ئاينىڭ 18-كۈنى) ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ياۋرۇ بىلەن دوللارنىڭ پېرۋوت نىسبىتى ئوتتۇرا مەزگىلدىن قارىغاندا يەنىلا كەڭ دائىرىلىك تەۋرىنىشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن، گەرچە تىرەش نۇقتىسىدىن چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما چۈشۈش يۆنىلىشى داۋاملاشمايدىكەن.
يېقىنقى مەزگىلدىكى ياۋرۇ رايونىنىڭ ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، Barclays بانكىسى 2018-يىلى ياۋرۇ رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ %2.5 دىن %2.3 گە تەڭشەلگەنلىكىنى مۆلچەرلىدى. مەزكۇر بانكىنىڭ تەھلىلچىلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسى 4-ئايلىق پۇل سىياسىتى يىغىنىدا 2018-يىللىق ئىقتىساد كۆزلىمە مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسى 30 مىليارد ياۋرۇلۇق زايوم سېتىۋىلىش سۈرئىتىنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن. كېلەر يىلنىڭ بېشىدا ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسى زايوم سېتىۋىلىشنى توختىتىشى ھەمدە 6-ئايدىن باشلاپ ئۆسۈمگە 15 نۇقتا قوشۇشى، ئارقىدىن 4-پەسىلدە داۋاملىق ھالدا ئۆسۈمگە 25 نۇقتا قوشۇشى، 2019-يىلنىڭ ئاخىرىدا مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتى دەۋرى بىلەن خوشلىشىشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.